ئامېرىكا تۇنجى قېتىم خىتاي ئاققۇنلىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن يۈزدىن ئارتۇق خىتاي ئاققۇننى تۇنجى قېتىم چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 2-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا بىر چوڭ تىپتىكى مەخسۇس ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىغا قانۇنسىز كىرگەن 116 خىتاينى ئامېرىكىدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ 2018-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم قانۇنسىز خىتاي ئاققۇنلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشى بولۇپ، بۇ قېتىملىق قايتۇرۇش ھەرىكىتى ئامېرىكىدىكى خىتايلارنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى قايتۇرۇش ھەرىكىتىدە خىتاي كۆچمەنلەر باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن زىچ ماسلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا يەنە: «دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى داۋاملىق خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ۋە كۆچمەنلەر باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ» دېيىلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئامېرىكا ئاۋازىغا بۇ قېتىم مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن جەمئىي 116 خىتاينىڭ قايتۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بىراق مەزكۇر ئەمەلدار باشقا ئۇچۇرلارنى، خۇسۇسەن مەزكۇر قانۇنسىز خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئامېرىكىدا قانچىلىك ۋاقىت تۇرغانلىقى، ئايروپىلاننىڭ خىتاينىڭ قايسى شەھىرىگە ئۇچقانلىقى ياكى ئايروپىلان چىقىمىنى كىم تۆلىگەنلىكى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئالېھاندرو مايوركاس بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «بىز كۆچمەنلەر قانۇنىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ، ئامېرىكىدا تۇرۇشى قانۇنسىز بولغانلارنى قايتۇرۇۋېتىمىز» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 266 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2024 14:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق