دىنسىزلاشتۇرۇش تەجرىبىسى خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېڭەيتىلدى


شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 20-مارت بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنسىزلاشتۇرۇش تەجرىبىسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىتىشكە باشلىغان.
خەۋەردە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ لەنجۇدىكى غەربىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان 589 ئوقۇغۇچىنى بەش ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنسىزلاشتۇرۇش ئوقۇتۇش تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن پىراكتىكا قىلىشقا ئەۋەتكەنلىكى، مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاقسۇ ۋىلايىتى، كۇچار ناھىيەسى، شايار ناھىيەسى، توقسۇ ناھىيەسى، باي ناھىيەسى، ئونسۇ ناھىيەسى قاتارلىق سەككىز ناھىيەدە پىراكتىكا قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى دىنسىزلاشتۇرۇش، دىندىن يىراقلاشتۇرۇش ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي 2018-يىلى يىل بېشىدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستانغا پىراكتىكانت ئوقۇغۇچىلارنى ئەۋەتىشكە باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە 4339 ئوقۇغۇچى شەرقىي تۈركىستاندا پىراكتىكا قىلغان.

بۇ خەۋەر 10275 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2019 16:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق