خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ ئىككى ئەمەلدارى فىرانسىيەدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇلدى

خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئىككى ئەمەلدارى بىر خىتاي پۇقراسىنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇشقا چېتىشلىق بولغانلىقى سەۋەبلىك، فىرانسىيەدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇلغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 3-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋە مۇئاۋىن مۇدىرى فىرانسىيەدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇلغان. مەزكۇر ئىككى خىتاي ئەمەلدارىنى قوغلاپ چىقىرىش بۇيرۇقىنى فىرانسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى چىقارغان بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماسلىق ئۈچۈن مەخپىي تۇتۇلغان.

فىرانسىيە تەرەپ مەزكۇر ئىككى خىتاي جاسۇسنى مارت ئېيىدا پارىژدىن بىر خىتاي ئۆكتىچىنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى پىلانلىغان، دەپ ئەيىبلىگەن. خىتاي ئەمەلدارلىرى جاسۇسلۇق قىلمىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، خاتا چۈشىنىش بولۇپ قالغانلىقىنى دەۋا قىلغان، ئەمما بۇ كار قىلمىغان. فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فىرانسىيە «دۇنيا گېزىتى»گە بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ۋەقە بۇ يىل 22-مارت يۈز بەرگەن بولۇپ، بىنورمال كۆرۈنۈش پارىژ ئايرودۇرۇمىدىكى چېگرا ساقچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنىغا تەۋە يەتتە خىتاي فىرانسىيە ساقچىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا بىر خىتاي ئەرنى قارشىلىق كۆرسەتكىنىگە قارىماي، تىزىملاش ئىشىكىگە مەجبۇرىي سۆرەپ ئېلىپ ماڭغان. فىرانسىيە چېگرا ساقچىلىرىنىڭ ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ لىڭ خۇاجەن ئىسىملىك 26 ياشلىق خىتاي ئۆكتىچىنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇش پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغان.

فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنى خادىملىرى لىڭ خۇاجەننى گېرمانىيەدە تۇتقۇن قىلىپ، فىرانسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئېلىپ كەلگەن ۋە پارىژدىكى بىر يەر ئاستى ئۆيگە سولاپ قويغان. ئۇ خىتاي خادىملىرىغا ماسلاشمىغانلىقى ئۈچۈن، كېيىن پارىژدىكى خىتاي ئاشخانىسىغا ئاپىرىلغان ۋە ئۇ يەردە زوراۋانلىق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان.

خىتاينىڭ فىرانسىيەدىكى ئەلچىخانىسى ۋەقەدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، لىڭ خۇاجەننىڭ فالۇنگۇڭ مۇرىتى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ فالۇنگۇڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىق خاتالىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ھەمدە ئىختىيارىي ھالدا خىتايغا قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئەمما لىڭ خۇاجەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىكەن. خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇنى مەجبۇرلاپ، ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان خاتالىقنى تونۇش خېتىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ يېزىشقا زورلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 210 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2024 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق