ئۇيغۇرلار خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئىشلەمچىلىرىگە ئايلىنىپ قالماقتا

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىلىۋاتقان سىنلار خىتاي رېجىمى بىلەن ھەمكارلاشقان خىتاي شىركەتلىرى ۋە خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلماقتا.

خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىزچىل تۈردە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىنتايىن تۆۋەن ئىش ھەققى ۋە قوپال مۇئامىلە بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت خانىم ھەمبەھرىلىگەن بىر قانچە سىندا خىتاي شىركەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان يۈزلىگەن ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ قاتتىق نازارىتى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇلارنى قوپال مۇئامىلە بىلەن باشقۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.

بىر سىندا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ئېتىزدا قوناق ئوتاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇلارنى ئەمگەككە سېلىۋاتقان خىتاي قوپاللىق بىلەن ۋارقىراپ: «ياخشى ئىشلەش! ھەممىڭگە قاراپ تۇرىمىز، قايسى ئايال ياخشى ئىشلىمىسە ھەيدىۋېتىمەن. بۇ چاقچاق ئەمەس، ھەممىنى ئۈزۈپ بولۇش!» دەپ بۇيرۇق قىلغان.

يەنە بىر سىندا تېخى ئالەم يورۇمىغان بىر پەيتتە، سىنغا ئالغان خىتاينىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قىز-ئاياللار بولغان ئۇيغۇرلارغا قوپاللىق بىلەن بۇيرۇق قىلىپ، قوناقلىقتا ئىش تەقسىملەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. خىتاي: «ئىشلەيدىغانلار يېتىشمەمدۇ؟» دەپ سورىغاندا، قورچاق كادىرلار ئىشلەيدىغانلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى، داۋامىنىڭ يولدا كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر سىنلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ، ئۇيغۇرلارنى غەزەپلەندۈردى ۋە قايغۇغا سالدى. بىر قىسىم ئىنكاسلاردا ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىشلەمچى بولۇش ئۈچۈن كېلىدىغانلىقىنى، بۈگۈنگە كەلگەندە ئاققۇن خىتايلارنىڭ بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى خورلىغان ھالدا ئىشلىتىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، خەلقنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن خىتاي شىركەتلىرىدە، ئېتىزلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا. خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغان، تۈرلۈك جازالار، ئېمبارگولار ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ساختا تەشۋىقاتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر قايسى جايلاردا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ھەرخىل ناملاردا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى خىتايغا بۆلۈپ بەرگەن. بۇ ئەھۋال يىللاردىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، تارقالغان سىنلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتايلارغا ئىشلەمچى بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىش ئەھۋالى ئاساسەن ئومۇملاشقان. ئىلگىرى خىتاي ئىشلەمچىلەر دېگەن سۆزلەر تارقالغان بولسا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر دېگەن سۆز ئومۇملىشىشقا باشلىغان.

خىتاي رېجىمى يەنە خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلماقتا. بۇندىن ئىلگىرى تارقالغان سىنلاردا خىتايلار شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە چاقىرىلىپ، ئاققۇنلارغا ھەقسىز يەر، ھەقسىز ئۆي، ئۆسۈمسىز قەرز، زور مىقداردا ياردەم پۇلى تەمىنلىنىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغانىدى.

يېقىنقى يىللاردا خىتاي يەنە شەرقىي تۈركىستاندا دېھقانلارنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن تېرىلغۇ يەرلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىشكە مەجبۇرلىغان. ئاندىن يەرلىرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى «ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشقا شارائىت ھازىرلىغان. ئارقىدىن ھەر خىل ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ تۈرلۈك ناملار بىلەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىش ھەرىكىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىلگىرىكى زامانلار خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئېتىزلىرىدا ئىشقا سېلىۋاتقان، مۇنبەت تۇپراقلارنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتايلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئىشلەمچىلەر بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1480 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2024 13:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق