«كۆك ھىلال خانىم-قىزلار كەسپىي تەرەققىيات مەركىزى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماددىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش، ھەرۋاقىت ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە قۇرۇپ چىققان «كۆك ھىلال خانىم-قىزلار كەسپىي تەرەققىيات مەركىزى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 2-ئىيۇل ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىم سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئالدى بىلەن كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى ئېچىلىش سۆز قىلدى. مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا قاتارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى، شۇنداقلا Zaila Collection نىڭ مەسئۇللىرىدىن لىسا ۋىلوگ خانىم قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىكى ھەرقايسى ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتلىرى ۋە ۋەقفىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەر ساھەدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلگەنىدى.

بۇ قېتىم كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى باش ئىشتابى ئامېرىكىغا جايلاشقان، ئېھتىياجلىق ئاياللارغا ياردەم بېرىشنى باش نىشان قىلغان، پايدا ئالمايدىغان كىيىم-كېچەك ماركىسى Zaila Collection بىلەن ھەمكارلىشىپ، «ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ كەسىپ ئۆگىنىپ، ئىگىلىك تىكلەش تەشەببۇسكارلىقنى قوللاش لايىھەسى» بويىچە، «كۆك ھىلال خانىم-قىزلار كەسپىي تەرەققىيات مەركىزى»نى رەسمىي قۇرۇپ چىقتى.

جەمئىيەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېلانىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئائىلە شارائىتىنى ياخشىلاش ئارزۇسى بار خانىم-قىزلاردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، يولدىشى ۋاپات بولغان ياكى ۋەتەندە قېلىپ ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىك سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا قالغان خانىم-قىزلارنى ئىشقا ئېلىش قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

بىلدۈرۈشىچە، مەركەز ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆي رايونىنىڭ مەركىزىگە ئېچىلغان بولۇپ، خىزمەتچىلەرنىڭ دەسلەپكى مائاشى تۈركىيەدىكى ھەرقانداق بىر تىككۈچىلىك ئورنىنىڭ نورمال مائاشىدىن يۇقىرى بولىدىكەن. خىزمەت ئۈنۈمى ياخشى بولغان خىزمەتچىلەرگە تۈرلۈك مۇكاپات ۋە ھەرخىل قوشۇمچە ياردەملەر تەمىنلىنىدىكەن، يېتىم بالىلىرى بولغان، ئائىلە جان سانى كۆپ خانىم-قىزلار ئالدىن قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئۇندىن باشقا، كېيىنكى باسقۇچلاردا تىككۈچىلىك تەربىيەلەش كۇرسلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2300 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2024 12:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق