خىتاي ئۆز بىخەتەرلىكىگە ئائىت يېڭى قائىدىنى يولغا قويدى

خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئائىت يېڭى قائىدىنى يولغا قويغان بولۇپ، خىتايغا كىرگەندە يانفون ۋە كومپيۇتېرلار خالىغان ۋاقىتتا تەكشۈرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ بىخەتەرلىككە ئالاقىدار يېڭى قائىدە 1-ئىيۇل رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان. يېڭى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىجرا قىلغۇچىلارغا باشقىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈش ھوقۇقى بېرىلگەن. يۇرتىغا قايتقان خىتاي پۇقرالىرى ياكى خىتايغا زىيارەتكە بارغان ساياھەتچىلەرمۇ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىشى كېرەك ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ خىتاينىڭ «جاسۇسلۇققا قارشى قانۇنى»نى كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىشىنىڭ تەدبىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، خىتاينىڭ «جاسۇسلۇققا قارشى قانۇن» تۈزىتىلگەن لايىھەسى ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا يولغا قويۇلۇپ، جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ ئېنىقلىمىسىنى كېڭەيتكەن. قانۇندا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان ھەر قانداق ئۇچۇرنى يەتكۈزۈش چەكلەنگەن ھەمدە ھۆكۈمەتكە ھەر قانداق دۆلەت گىراژدانلىرىغا چەت ئەلگە چىقىش چەكلىمىسى قويۇش ۋە جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان گۇمانلىق كىشىلەرنى تەكشۈرۈش ھوقۇقى بېرىلگەن.

بۇ يىل 4-ئايدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى يەنە «دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانى نىزامى» ۋە «دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ جىنايى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانى نىزامى» قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن.

خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ دەۋا قىلىشىچە، بۇ خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە ئىش بىر تەرەپ قىلىش جەريانى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئاشكارىلىشى بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە مۇنازىرىلەرنى قوزغىغان.

چەت ئەل ئاخباراتلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، كەلگۈسىدە چەت ئەللىكلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى چەت ئەلدىن قايتىپ كەلگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يانفون ۋە كومپيۇتېرلىرى خالىغان ۋاقىتتا تەكشۈرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بارلىق چېگرادىن كىرگۈچىلەر تېلېفونلىرىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلەرنى رەت قىلىپ، «چەت ئەلدىكى خىتايغا قارشى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يالغان سۆز تارقىتىپ، خىتاينىڭ نامىنى بۇلغىماقتا» دەپ جار سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 170 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2024 12:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق