شى جىنپىڭ قازاقىستانغا باردى

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار كېڭىشىنىڭ 24-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، قازاقىستان پايتەختى ئاستانىگە يېتىپ بارغان بولۇپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالاھىدە كۈتۈۋېلىنغان.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورىنىڭ 2-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان ئايروپىلان قازاقىستان ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەندىن كېيىن، قازاقىستاننىڭ ئۈچ ھەربىي ئايروپىلانى قوغداپ ماڭغان. ئايروپىلان ئاستانە نەزەربايوف خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا كەلگەندە، قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايوف، بىرىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستىر سىكلىيار، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ھەم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نۇرتىلوف، پىرېزىدېنتنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى قازىخان، ئاستانە شەھەر باشلىقى قاسىمبېك قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىرلىكتە شىنى كۈتۈۋالغان. قوغدىغۇچى ئەسكەرلەر كۆزدىن كەچۈرۈلگەندىن كېيىن، قازاق ئۆسمۈرلىرى «ۋەتىنىمنى كۈيلەيمەن» دېگەن خىتايچە ناخشىنى ئېيتىشقان.

شى جىنپىڭ ئايرودۇرۇمدا سۆز قىلىپ، خىتاي-قازاقىستان دوستلۇقىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەت ئورناتقان 32 يىلدىن بۇيان، خىتاي-قازاقىستان مۇناسىۋىتى دەۋر ئۆزگىرىشى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، ئۆزگىچە ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى، 11 يىل بۇرۇن قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى»نى بىرلىكتە قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتاي بىلەن قازاقىستان «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا كۆپلىگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، قازاقىستانغا شى جىنپىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، خىتاي مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى مۇدىرى سەي چى، قاتارلىق ئەمەلدارلار بىرگە بارغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ 2-ئىيۇلدىن 6-ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن. قازاقىستاندىن كېيىن يەنە تاجىكىستاننى زىيارەت قىلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بولغان قارا نىيىتىنى ئاشكارىلاشقا باشلىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان شى جىنپىڭنى شۇنچە داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىشى قازاقىستان رەھبەرلىرىنىڭ خىتايغا بولغان مايىللىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، ئالدىنقى مەزگىللەردە خىتاي تور دۇنياسىدا «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرمۇ خىتايغا تەۋە ئىدى» دېگەندەك نومۇسسىز ئىبارىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، قازاقىستان خىتاينىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق تارىخىدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 165 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2024 12:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق