خىتاي تەكلىماكاندا ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ تەقلىدىي نىشانلىرىنى ياسىغان

خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ تەقلىدىي نىشانلىرىنى ياسىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

مۇداپىئە پوچتىسى تورىنىڭ 1-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەڭ يېڭى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ئارمىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئامېرىكىنىڭ F-22 ۋە F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ئوخشايدىغان كۆپلىگەن تەقلىدىي نىشان ۋە بازا قۇرغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ئەڭ يېقىن بولغان ھەربىي ئايرودۇرۇمىنىڭ ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋادىكى كادېنا ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئىكەنلىكى، بۇ بازىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي ئۇرۇش رايونىغا تەۋە نەنجىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ 1000 كىلومېتىر ئەتراپىدا ئىكەنلىكى، شۇنداقلا بۇ ئارىلىقنىڭ خىتاينىڭ شەرق شامىلى-26 ۋە شەرق شامىلى-17 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ زەربە بېرىش دائىرىسىدە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە يەنە تەكلىماكاندىكى تەقلىدىي ئايرودۇرۇم يولى ۋە ئايروپىلانلاردا بومبا تەگكەن ئىزلارنىڭ كۆرۈلگەنلىكى، بۇلار خىتاي ئارمىيەسىنىڭ دۈشمەن ھەربىي بازىلىرىغا ۋە ئايروپىلانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش مەشىقى قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

خىتاي تەكلىماكان قۇملۇقىدا قۇرۇپ چىققان تەقلىدىي ھەربىي نىشانلارنىڭ بايقىلىپ قېلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس بولۇپ، 2021-يىلى 11-ئايدىكى بىر خەۋەردە خىتاينىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا ئوخشاش چوڭلۇقتىكى تەقلىدىي مودېللارنى قۇرۇپ چىققانلىقى، ئۇنىڭ ئىچىدە كەم دېگەندە بىرىنىڭ ئاۋىياماتكىغا، يەنە بىرىنىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتقا ئوخشايدىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. 2022-يىلى 5-ئايدا ئېلان قىلىنغان يەنە بىر خەۋەردە بولسا، چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى قۇملۇقلارغا كۆپلىگەن چوڭ تىپتىكى تەقلىدىي نىشانلارنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر تەقلىدىي دېڭىز ئارمىيە بازىسىمۇ بار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1500 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2024 11:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق