كىرىمنىي جىلغىسى خىتاي تەھدىتىگە قارشى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتتى

كىرىمنىي جىلغىسى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق تەھدىتىدىن ساقلىنىش مەقسىتىدە، خىزمەتچىلىرىگە قارىتىلغان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 30-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىن كەلگەن جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى تېخنىكا، ئىقتىساد ۋە تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردە ئامېرىكىغا تەھدىت بولۇپ شەكىللەنگەن بولۇپ، كىرىمنىي جىلغىسىدىكى تېخنىكا شىركەتلىرى بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىدە ئەڭ كۈچلۈك ھوشيارلىق ھالىتىدە تۇرغان. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، نۇرغۇن شىركەتلەر خىزمەتچىلەر ۋە خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا قارىتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتكەن. مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا ئاۋازىغا كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ خىتايدىن كەلگەن جاسۇسلۇق تەھدىتىگە بولغان ھوشيارلىقىنىڭ بارغانسېرى ئاشقانلىقىنى، يۇقىرى تېخنىكىلارنىڭ ئوغرىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقان.

بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار كەسپىنى تور بىخەتەرلىك كەسپىگە ئۆزگەرتكەن بولۇپ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي كۆپلەپ جاسۇسلارنى ئەۋەتىپ، ئامېرىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى، ھەتتا ھەربىي ساھەدىكى ئىلغار تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي سودا مەنپەئەتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى ۋاسىتە تاللىماي قىلىۋاتقان بولۇپ، باشقا دۆلەتلەر ئارقىلىقمۇ ئامېرىكا تېخنىكىسىغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنماقتىكەن. بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن يېڭى تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قوللىنىشتا زىچ ھەمكارلىقى بار بولۇپ، ئامېرىكا چوقۇم شېرىك دۆلەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 393 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2024 11:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق