خىتاي سىيرەك توپا ئېكسپورتىنى قاتتىق كونترول قىلىدىغان قانۇن چىقارغان

خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى نامىدا سىيرەك توپا تەمىناتىنى قوغدايدىغان بىر قاتار نىزاملارنى ئېلان قىلغان. بۇ نىزاملار توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ ماگنىتلىرىدىن تارتىپ، شەخسلەر ئىشلىتىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرگىچە بولغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم ماتېرىياللارنى قېزىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەر ئىكەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سىيرەك توپىغا ئائىت قانۇن-نىزاملارنى ئېلان قىلىپ، ئىچكى تەمىنات مەنبەسىنى تېخىمۇ كۈچەپ قوغدىماقچى بولغان. 29-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان نىزامنامىدە، سىيرەك توپا بايلىقلىرىنىڭ دۆلەتكە تەۋە ئىكەنلىكى، ھۆكۈمەت سىيرەك توپا سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى نازارەت قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

سىيرەك توپا 17 خىل كان مەھسۇلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا خىتاي دۇنيا بويىچە ئاساسلىق سىيرەك توپا ئىشلەپچىقارغۇچىغا ئايلىنىپ، دۇنيادىكى چەككىلەش مىقدارىنىڭ %90 نى ئىگىلىگەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، سىيرەك توپا پۈتكۈل دۇنيا سانائىتى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ يىل 5-ئايدا يولغا قويۇلغان بىر قانۇنغا ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى 2030-يىلىغىچە بولغان نىشانىنى بەلگىلەپ، يېشىل ئۆزگىرىشتىكى مۇھىم كان بايلىقلىرىنىڭ، بولۇپمۇ سىيرەك توپىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان. سىيرەك توپا مېتاللار ئېلېكتىر ماشىنىلىرى ۋە شامال ئېنېرگىيەسى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولغان ماگنىتلارنى ياساشتا قوللىنىلىدىكەن. 2030-يىلىغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېھتىياجى ئالتە ھەسسە، 2050-يىلىغىچە 7 ھەسسە ئاشىدۇ، دەپ مۆلچەرلەنمەكتىكەن.

خىتاينىڭ يېڭى نىزامنامىسى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ نىزامنامىدە خىتاينىڭ سىيرەك توپا مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ئىز قوغلاش ئۇچۇر سىستېمىسىنى قۇرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. خىتاي رېجىمى سىيرەك توپا قېزىش، تاۋلاش-ئايرىش كارخانىلىرى ۋە سىيرەك توپا مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات ئېقىم يۆنىلىشىنى خاتىرىلەش سىستېمىسى قۇرۇش ۋە بۇنى ئىز قوغلاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 394 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2024 10:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق