شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقلىرى (9)

ەرقىي تۈركىستاندىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شاھىت خەۋەر بۆلۈمىمىزگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. مەزكۇر خەۋەر «شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقلىرى» سەرلەۋھەلىك چاتما خەۋەر قاتارىدا بېرىلىدۇ.

مەزكۇر شاھىت خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ساختا تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تېررور سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندەك كۆرۈنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن تۈرمە ۋە جازا لاگېرىغا سولاپ قىرغىن قىلىشنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىچكى جەھەتتە ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن چىڭ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

شاھىتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزى بىر نەچچە يىل ئىلگىرى گۇناھسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر ئەتراپىدا قاماقخانىدا ياتقان. ئۇ تۇتقۇن جەريانىدا ئاجايىپ غەلىتە ئىشلارنى كۆرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. مەسىلەن: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش مەقسىتىدە چىقارغان قانۇنىدا تۇتقۇن قىلىنغان بىر ئۇيغۇرنى تۆت يىل جازالاش بېكىتىلگەن بولسا، سوتچى ئۇنىڭغا 14 يىللىق جازا ھۆكۈم قىلغان. خىتاي قانۇنىدا بەش يىل جازالاش بېكىتىلگەن ئۇيغۇرغا سوت دائىرىلىرى 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان. دېمەك ھەرقانداق ئۇيغۇرغا خىتاي قانۇنىغا ئاساسەن ئۆلچەنگەن جازا قانچە يىل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۈرمىگە قاماپ يوقىتىش رەزىل مەقسىتىدە خىتاي قانۇنىدا بېرىلگەن جازانىڭ ئۈستىگە بىردەك 10 يىل قوشۇپ جازالىغان.

شاھىت يەنە خىتاينىڭ بىر قانچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى ئاساسەن قىرىۋەتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئۆلىمالار، زىيالىيلار، ئىگىلىك تىكلىگەن سودىگەرلەرنى، شۇنداقلا خىتايغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارالغان بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك دېمەستىن، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن 15 يىلدىن ئارتۇق كېسىۋەتكەنلىكىنى، نۆۋەتتە جەمئىيەتتە قالغانلار ئاساسەن ئاجىز، بىر ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، خىتاي نېمە دېسە شۇنىڭغا كۆنىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە قازاقلارنىمۇ جازالاپ يۈرىكىنى ئېزىۋەتكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان ئىچكى جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدە چىڭ ئىكەنلىكىنى، ۋەزىيەت ھەققىدە نارازىلىق ئۇچۇر يوللاش ئەمەس، بەلكى گەپ-سۆزدە خاتالاشقان ئۇيغۇرلارنى ساقچىخانىغا چاقىرتىپ ئاۋارە قىلىۋاتقانلىقىنى، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىنى ئېزىش ھەرىكىتىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

شاھىت سۆزىنىڭ ئاخىردا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ: «گەرچە خىتاي يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى تاشقى كۆرۈنۈشتە ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما كونترول ۋە تەقىب بەك قاتتىق بولماقتا. تور ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى قاتتىق كونترول قىلىۋالماقتا» دېگەننى تەكىتلىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستانغا خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلىشتىكى رەزىل مەقسىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئىكەنلىكىنى، سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1418 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2024 10:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق