ھىندونېزىيە خىتاي ماللىرىغا %200 ئىمپورت بېجى قويۇشنى پىلانلىدى

ھىندونېزىيە ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ سەلبىي تەسىرىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، خىتاي ماللىرىغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %200 غىچە ئىمپورت بېجى قويۇشنى پىلانلىغان.

ھىندونېزىيە سودا مىنىستىرى زۇلكىفلى ھەسەن ھىندونېزىيەنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاياغدىن تارتىپ ساپال بۇيۇملىرىغىچە بولغان مەھسۇلاتلارغا %100 تىن %200 غىچە قوغدىنىش خاراكتېرلىك باج قويۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى قوغداش پىلانىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، زۇلكىفلى ھەسەن 28-ئىيۇن مۇخبىرلارغا: «پىلانلانغان ئىمپورت بېجى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %100 تىن ئاشىدۇ... ئەگەر بىزنىڭ ماللىرىمىز خىتايدىن كەلگەن ئىمپورت ماللىرى بىلەن كۆمۈۋېتىلسە، كىچىك، ئوتتۇرا ۋە چوڭ كارخانىلىرىمىز تاقىلىپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن.

زۇلكىفلى ھەسەننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، سودا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خىتاي مەھسۇلاتلىرى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك خىتايدا تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن. ئاخىرىدا خىتاي ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن ماللارنى ھىندونېزىيە قاتارلىق باشقا بازارلارغا ئېكسپورت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھىندونېزىيە ئاساسلىقى خىتاي، ۋىيېتنام ۋە بېنگال قاتارلىق دۆلەتلەردىن كىيىم-كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى ئىمپورت قىلىدىكەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان ھىندونېزىيە ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا يېمەكلىك ماتېرىياللىرىدىن تارتىپ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ۋە خىمىيەۋى ماددىلارغىچە بولغان 3000 دىن ئارتۇق ئىمپورت ماللىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىدىغان بىر نىزامنامە چىقارغان. ئەمما دۆلەت ئىچىدىكى سانائەت ئورگانلىرى بۇ نىزامنامەنىڭ سانائەتكە زۆرۈر بولغان ئىمپورت ماتېرىياللىرىنىڭ ئايلىنىشىغا توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەچكە، بۇ نىزامنامە بىكار قىلىنغان.

ھىندونېزىيە نۆۋەتتە مىنىستىر دەرىجىلىك يېڭى نىزامنامە لايىھەسىنى تۈزۈۋاتقان بولۇپ، نىزامنامىدە يەرلىك سانائەتنى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئېقىپ كىرىشىنىڭ تەسىرىدىن قوغداش توغرىسىدا، ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان نىزامنامىنىڭ يېتەرسىزلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى ھەل قىلىشنى پىلانلىغان.

ھىندونېزىيە سودا مىنىستىرى زۇلكىفلى ھەسەن بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان باج نىزامنامىنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى، بۇ پىلان ئاياغ، كىيىم-كېچەك، توقۇمىچىلىق، گىرىم بۇيۇملىرى ۋە ساپال بۇيۇملارنىڭ ئىمپورتىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە ھىندونېزىيە سودا قوغدىنىش كومىتېتى باج نىسبىتىنى بېكىتىش ئۈچۈن تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 6071 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2024 10:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق