قىرغىزىستان خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىدى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريول تۈرى قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇپ تەستىقلىغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان پىرىزدېنت ئاخبارات ئىدارىسى 27-ئىيۇن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپاروفنىڭ خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريول تۈرىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويغانلىقىنى، ئۇنى رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلىپ قانۇنغا ئايلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، قىرغىزىستان پارلامېنتى 19-ئىيۇن مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان. 6-ئىيۇن خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريول تۈرىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قەشقەردىن باشلىنىپ، قىرغىزىستان ئارقىلىق ئۆزبېكىستان تەۋەسىگە كىرىدىكەن. كەلگۈسىدە بۇ يولنى يەنە غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىياغىچە ئۇزارتىش پىلانلانغان.

مەزكۇر تۆمۈريول پۈتۈپ رەسمىي قاتناش باشلانغان تەقدىردە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بولغان تەسىرىنىڭ زور دەرىجىدە كۈچىيىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 2021-يىلى خىتايلار تىك توك سۇپىسىدا سىن تارقىتىپ، «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت خىتاينىڭ بىر قىسىمى ئىدى» دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ بىلجىرلاشقانىدى. ئۇندىن باشقا 2020-يىلى خىتاي تور بېكەتلىرىدە يەنە «قازاقىستان نېمە ئۈچۈن ۋەتەن قوينىغا قايتمايدۇ؟» ماۋزۇلۇق يازما تارقىلىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى يۇتۇۋېلىشتەك رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلىغانىدى. ئاخىرىدا قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، مەزكۇر يازمىلار تور بەتلەردىن ئۆچۈرۈلگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1121 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2024 10:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق