خىتايغا سېلىنغان چەت ئەل مەبلىغى ئۇدا 12 ئاي تۆۋەنلىگەن

خىتايغا سېلىنغان چەت ئەل مەبلىغى ئۇدا 12 ئاي تۆۋەنلىگەن بولۇپ، خىتاي شىركەتلىرى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ قىيىنلىقىدىن ئاغرىنىشقا باشلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 28-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، چەت ئەلنىڭ خىتايغا بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى 5-ئايدا تېخىمۇ تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئۇدا 12 ئاي داۋاملاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، خىتاي بىۋاسىتە 56 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلغان. بۇ مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %28.2 تۆۋەنلىگەن.

خىتايدىكى بىر قىسىم ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ قىيىنلىقىدىن ئاغرىنىپ: «بۇ ساھەدە پۇل يوق. ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئىلگىرى ئەگەر سىزدە ياخشى پىلان بولسىلا، ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيتتىڭىز، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇنداق بولمايۋاتىدۇ» دېيىشكەن.

خىتاي تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ يىل 18-فېۋرال ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي قوبۇل قىلغان خەلقئارالىق مەبلەغ ئىچىدىكى بىۋاسىتە مەبلەغ قەرزى ئۆتكەن يىلى 33 مىليارد دوللار ئاشقان. بۇ سانلىق مەلۇمات خىتايغا سالغان چەت ئەل مەبلىغى ۋە مەبلەغ سالغان ئورۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك پۇل ئوبوروتىنى خاتىرىلىگەن بولۇپ، 2022-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %82 تۆۋەنلىگەن. بۇ سانلىق مەلۇمات بويىچە بولغاندا خىتايغا سېلىنغان چەت ئەل مەبلىغى 1993-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 383 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2024 10:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق