بۇ يىللىق ھەج مەۋسۇمىدا يەنىلا ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ بولماسلىقى دىققەت قوزغىدى

بۇ يىل ھەج مەۋسۇمىدا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قاتارىدا ھەجگە بارالمىغانلىقى دىققەت تارتقان بولۇپ، بۇ ھالەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قاراتقان تېررور سىياسىتىنىڭ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، «ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئىنسانىي ھوقۇقلىرى كاپالەت قىلىنغان ھالدا بەھۇزۇر ياشىماقتا» دېگەن تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغانچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى.

بۇ يىل ھەج مەۋسۇمىدا ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاش تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ھاجىلاردىن باشقا، شەرقىي تۈركىستاندىن بىرمۇ ئۇيغۇر ھەج ئىبادىتى قىلىش ئۈچۈن مەككىگە بېرىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان.

بىز بۇ ھەقتە تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىن مەككىگە بارغان ئۇيغۇر ھاجىلارنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇيغۇر ھاجىلار ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى ئاستىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىللىق سەئۇدىغا كەلگەن خىتاي ھەج ئۆمىكى ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار كۆرۈنمىگەن. خىتاي بايرىقى بېسىلغان كىيىملەرنى كىيگەن خىتاي ھەج ئۆمىكى نازارەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە كونترول قىلىشى ئاستىدا ھەج قىلغان. تۇڭگان ھاجىلارغا يېقىنلىشىپ ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، خىتاينىڭ بۇ يىللىق ھەج مەۋسۇمىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج ئىبادىتىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقى، خىتاي ھەج ئۆمىكى ئىچىدە پەقەت خىتاينىڭ يۈننەن ۋە گەنسۇدىن كەلگەن تۇڭگان ھاجىلار بار ئىكەنلىكىدەك مەلۇماتقا ئېرىشكەن.

نۆۋەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا زور مەبلەغ سېلىپ ساياھەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەت ئەمەلدارلىرى، مۇخبىرلار، تەشكىلات ئەزالىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ساياھەت ئورۇنلىرى ۋە ئالدىن تەييارلانغان ساختا كۆرۈنۈشلەر زىيارەت قىلدۇرغان. بۇ ئارقىلىق زىيارەتكە كەلگەن كىشىلەردە شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق ئىكەن، دېگەن تونۇشنى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان.

خىتاي ئىلگىرىكى يىللاردا تۇڭگان ئايال ھاجىلىرىغا ئەتلەس كۆينەك، ئەر ھاجىلىرىغا دوپپا كىيدۈرۈپ ھەج قىلدۇرۇش ئارقىلىق، خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلگەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئاشكارىلىنىپ رەسۋا بولغانىدى. خىتاي بۇ قېتىملىق ھەج مەۋسۇمىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ئارقىلىق بوياشقا ھەرىكەت قىلغان بولۇپ، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇ قېتىممۇ خىتاي ھەج ئۆمىكىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان.

ھالبۇكى، يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغىمۇ تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى تەدرىجىي يولغا قويۇشقا باشلىغان.

خىتاي ئالدى بىلەن تۇڭگان ئۆلىمالىرىنىڭ ياشلارغا دىنىي تەلىم-تەربىيە بېرىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، بويسۇنمىغان ئۆلىمالارنى قاتتىق جازالىغان. ئارقىدىن تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مەسچىتلەرنىڭ مۇنار ۋە گۈمبەزلىرىنى مەجبۇرىي چېقىپ، خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتكەن. بىر قىسىم مەسچىتلەرنى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن چېقىۋەتكەن. بۇ جەرياندا نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىزچىل نارازىلىق بىلدۈرگەن نۇرغۇن تۇڭگانلار تۈرمىگە تاشلانغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. جۈملىدىن ئاتالمىش يېڭى قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ، 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرغان. بۇ پىلان ھازىرمۇ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلدى. ئۇندىن باشقا دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلەنگەن بولۇپ، خەلق ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ئىسلام دۇنياسىدىن ھەرخىل ناملار بىلەن ئۆمەك تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالدىن تەييارلانغان چەكلىك ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي قوغدالغانلىقى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 445 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2024 10:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق