خىتاي ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاش، چەكلەش، ۋەيران قىلىش بىلەن بىرگە، ساختا ياكى بۇرمىلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى خىتايغا باغلاشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 25-ئىيۇن ئۈرۈمچىدىكى مەدەنىيەت مەركىزى كۆرگەزمە سارىيىدا ئاتالمىش «خىتاي-چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن. كۆرگەزمىگە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ قاتناشقان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8-نۆۋەتلىك خىتاي−ئاسىيا−ياۋروپا كۆرگەزمىسى 26-ئىيۇن ئۈرۈمچىدە باشلانغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقىنىغا قارىماي، مەزكۇر كۆرگەزمىگە ئاسىيا، ياۋروپادىكى 50 دۆلەتتىن مىڭغا يېقىن شىركەت، ئورگانلار قاتناشقان.

خىتاي 8-نۆۋەتلىك خىتاي−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى داۋامىدا ئاتالمىش «خىتاي-چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى» پائالىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى ئاتالمىش «سەنئەت ئارقىلىق يىپەك يولىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايان قىلىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئالماشتۇرۇشقا، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش» دېيىلگەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورۇنلىرىنىڭ خەۋىرىدە خىتاينىڭ بۇ كۆرگەزمىنى تەشكىللەشتىكى مەقسىتىنىڭ ئاتالمىش «سەنئەت ئارقىلىق يىپەك يولىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ، دۇنياغا مىللەتلەر ئىناق بولغان، سەنئەت گۈللەنگەن، مەدەنىيەت ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ ئوبرازى نامايان قىلىش» ئىكەنلىكى جار سېلىنغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە 8-نۆۋەتلىك خىتاي-ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جۇمانغارىن، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئا. جاپاروف، ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرى ئارىپوف، تاجىكىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خولىكزودا ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتە يېقىندا ئىمزالانغان خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرى بويىچە ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىمنىڭ رەسمىي ئىمزالىنىش مەسىلىلىرى تىلغا ئېلىنغان. ئۇندىن باشقا 3-نۆۋەتلىك خىتاي−قازاقىستان يەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرى 26-ئىيۇن ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇنبەردە كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلغان.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەڭ كۆلەمدە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. خىتاي بىر نەچچە يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش، تارىخىنى بۇرمىلاش پىلانى بويىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپلىگەن مۇزېيلارنى كېڭەيتىپ ياكى يېڭىدىن سالغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ «خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى»دەك بۇرمىلانغان تارىخنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش مەقسەت قىلىنغان مىڭلىغان ساختا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرگەزمە قىلغان. خىتاي بۇ قېتىملىق خىتاي−ئاسىيا−ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىنمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش، ئىشغالىيەت تارىخىنى بۇرمىلاش تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايدىلانغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 753 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2024 10:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق