ئەنگلىيەدىكى بىر ئەقىل ئامبىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن بولۇپ، يېڭى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشى كېرەك ئىكەن.
ئەنگلىيە چوڭ سايلىمى 4-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 26-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە ئەقىل ئامبىرى «خىتاي ئىستراتېگىيەلىك خەتەر ئىنستىتۇتى» يېقىندا سايلامدىن كېيىن قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ جۈرئەتلىك بولۇپ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان «كۈلرەڭ رايون توقۇنۇش تاكتىكىسى»نىڭ تەيۋەن ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان خەتەرلىك ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئەنگلىيەنىڭ خىتايغا قاراتقان بىر قاتار ئىقتىسادىي، سودا ۋە دىپلوماتىك جازالارنى يولغا قويۇشقا ئالدىن تەييارلىق قىلىشى زۆرۈر ئىكەن.
مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى «خىتاي ئىستراتېگىيەلىك خەتەر ئىنستىتۇتى»نىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، يېڭى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈش قىلمىشىنىڭ ئەنگلىيە ۋە خىتاينىڭ مەيدانىغا زىت ئىكەنلىكىنى ئېنىق يەتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەقىل ئامبىرى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلەش ئۈچۈن، ئەنگلىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، خىتايغا قارىتا ئىقتىسادىي، سودا ۋە دىپلوماتىك جازا يۈرگۈزۈشنى ئالدىن بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى، ئالاقىدار تەدبىرلەر خىتاينىڭ ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈش ھەرىكىتىگە ئاساسەن يولغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئەقىل ئامبىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگلىيە تور بىخەتەرلىكى ۋە سودا قاتارلىق ساھەلەردە تەيۋەن بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك بولۇپ، بۇ تەيۋەننىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق دەپ كۆرسىتىلگەن. گەرچە تەيۋەن بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقى، ئەركىنلىكى ۋە ئوچۇقلىقىنى قوغداش ئەنگلىيەنىڭ يادرولۇق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىگە ماس كېلىدىكەن. خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي جاۋاب قايتۇرۇش ۋەزىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم بىر قەدەم ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ