تاجىكىستان ھۆكۈمىتى ئىسلامنى چەكلەشتە خىتاينى ئۈلگە قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، دۆلەت مىقياسىدا ھىجاب رەسمىي چەكلەنگەن.
تۈركىيە خەۋەر يەتتە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاجىكىستاندا ئىلگىرى ئاممىۋى ئورگان ۋە مەكتەپلەردە قىز-ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىشى چەكلەنگەن بولۇپ، نۆۋەتتە بولسا پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك چەكلەنگەن. يېڭى بەلگىلىمىدە ھىجابلىنىش، ياغلىق ئىمپورت قىلىش، ياغلىق سېتىش ۋە ئېلان تارقىتىشقا چەكلىمە قويۇلغان بولۇپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا جەرىمانە قويۇلىدىكەن. ئۇندىن باشقا بالىلارنىڭ روزا ھېيتلىق ۋە قۇربان ھېيتلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى، ھېيتلىق ئېلىشى قاتارلىق ئادەتلەرمۇ چەكلەنگەن.
تاجىكىستاندىكى قىز-ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىشىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلەپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان يىللار بىلەن ماس قەدەمدە باشلانغان بولۇپ، خىتاي ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغىنىدەك، تاجىكىستان دائىرىلىرى مەكتەپلەردە بىر قىسىم كىيىم-كېچەكلەرنى چەكلىگەن، كېيىن بۇ چەكلىمە ئاستا-ئاستا بارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغىچە كېڭەيتىلگەن. تاجىكىستان يەنە خىتايدىن ئۈلگە ئېلىپ، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشنى رەسمىي چەكلىگەن. مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ساقاللىرى ساقچىلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلگەن.
تاجىكىستان بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل كۈچىيىپ كەلگەن بولۇپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتتىلا چەكلىنىپ قالمىغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ تاجىك تىل-يېزىقىدىكى نۇسخىسى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە، يەنى 22-ئىيۇن تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە مەزكۇر كىتاب توغرۇلۇق خىتاي-تاجىكىستان ئوقۇرمەنلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرى ۋە نەتىجىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىگەنلىكى تەكىتلەنگەن.
خىتاي خەلقئارا بويىچە ئىسلام دىنىنى چەكلەش، مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق قىممەت-قاراشلىرى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىشتا ئالدىنقى قاتاردا ماڭغان بولۇپ، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى خەلقئارا ۋەزىيەتنى باھانە قىلغان خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا باستۇرۇشنى تەدرىجىي كۈچەيتكەن. بۇ جەرياندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى رەسمىي ئورگانلارغا ھىجابلانغان قىز-ئاياللارنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن. ئارقىدىن بۇ چەكلىمىنى كېڭەيتىپ، بازار-رەستىلەردە ھىجابلانغان قىز-ئاياللارنى تۇتقۇن قىلىپ جەرىمانە قويغان. ساقال قويغان ياشلارنى «تېررورچى، ئەسەبىي» دېگەن تۆھمەت بىلەن تۇتقۇن قىلىپ باستۇرغان. كېيىن خىتاي كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار بارلىق نەرسىلەرنى، سۆز-ھەرىكەتلەرنى تامامەن چەكلىگەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلامغا قارشى چەكلىمىلىرىگە قارىتا ئىسلام ئەللىرىدىن ھېچقانداق ئىنكاس كەلمىگەن بىر ۋەزىيەتتە، ئىسلامغا قارشى قانۇنلار ياۋروپا ئەللىرى ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ تەدرىجىي ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. ئالدى بىلەن فىرانسىيە ئارقىدىن گوللاندىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە، دانىيە، بۇلغارىيە، لىيۇكسېمبۇرگ، ئىتالىيە، چاد، گابون، كامېرون، نىگېر، كونگو، ئالجىرىيە، سىرىلانكا قاتارلىق دۆلەتلەردە قىز-ئاياللارنىڭ يۈزنى پۈتۈن يېپىشى، شۇنداقلا چېچىنى يۆگىشى ئوخشىمىغان دەرىجىدە چەكلەنگەن.
ئۇندىن باشقا شىۋېيتسارىيە، ئېستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋانىيە، نورۋېگىيە ۋە ئىسپانىيەنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ھىجابلىنىشنى چەكلەش قانۇنى يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ چەكلىمىلەر ئەدلىيە قارارى بىلەن بىكار قىلىنغان.
2011-يىلى 11-ئاپرېل چۈمبەلنى چەكلەش قانۇنىنى يولغا قويغان فىرانسىيە ياۋروپادىكى مۇسۇلمان قىز-ئاياللارنىڭ چۈمبىلىنى چەكلىگەن تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالغان. فىرانسىيە 2023-يىلى قىز-ئاياللارنىڭ ئابايى (ئۇزۇن كىيىم) كىيىش چەكلىمىسىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغان.
گېرمانىيەدىكى 16 ئىشتاتتىمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھىجابلىنىشى چەكلەنگەن. ئارقىدىن بۇ چەكلىمە خېسې ئىشتاتىدا يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. باۋارىيە رايونىدا 2017-يىلى 2-ئايغىچە بارلىق ئاممىۋى بىنالار، مەكتەپلەر ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بۇرقا قاتارلىق كىيىملەرنى كىيىش بىلەن يۈزىنى تولۇق يېپىش مەنئى قىلىنغان.
كانادانىڭ كۋېبېك ئۆلكىسىدە ھۆكۈمەت ئاممىۋى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا رومالغا ئوخشاش دىنىي تۈس ئالغان كىيىملەرنى كىيىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، بۇ قانۇن 2019-يىلى 21-ئىيۇن يولغا قويۇلغان.
2009-يىلى بېلگىيەدىكى فىلېنىش مەھەللە مائارىپ كېڭىشى فىلېنىش رايونىدىكى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى بارلىق ئاممىۋى مەكتەپلەردە قىز-ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىشىنى چەكلەشنى قارار قىلغان. ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتى (ECHR) ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ياغلىق چىگىش قارارىغا بولغان نارازىلىق ئەرزنى رەت قىلىپ، بۇ قارارنىڭ «پىكىر، ۋىجدان ۋە دىن ئەركىنلىكى»گە خىلاپ ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇندىن باشقا ماراكەش 2017-يىلى قىز-ئاياللارنىڭ بۇرقا كىيىشىنى، شۇنداقلا بۇرقا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن.
تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئېمومالى راخمونوف 1994-يىلىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان تاجىكىستاندا ھىجابنىڭ چەكلىنىشى زور غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ