ئامېرىكىنىڭ يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا خىتاينىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقى ۋە دۆلەت ھالقىپ باستۇرۇش قىلمىشلىرى تەنقىد قىلىندى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 26-ئىيۇن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «2023-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى»نى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا 2023-يىلى خىتاينىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ئېغىر زىيانكەشلىك قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.
دوكلات ئېلان قىلىش جەريانىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى قاتتىق باستۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ باش ئەلچىسى راشاد ھۈسەيىن دوكلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلىمالىرىنى، باشقا مىللەتلەر ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئەزالىرىنى ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنى باستۇرغانلىقىنى، بۇ خىل باستۇرۇشنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.
دوكلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دوكلاتقا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار نەقىل ئېلىنىپ، خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە «تەشكىللىنىش، بىدئەت ئارقىلىق قانۇنغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دېگەن باھانە بىلەن 2777 سىياسىي مەھبۇسنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقى، خىتاينىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ يوشۇرۇن ئىكەنلىكى، 2023-يىلى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن تۈرمىگە تاشلانغان مەھبۇسلارنىڭ نەچچە 10 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى، ئىلگىرى تۈرمىدە ياتقان مەھبۇسلار تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، يەنىلا ھەرىكەت ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى دۆلەت ھالقىپ باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئەھۋالى خاتىرىلەنگەنلىكى، ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىككى ئامېرىكىلىق خىتاينى قولغا ئالغانلىقى، مەزكۇر ئىككى خىتاينىڭ خىتاي رېجىمى چەت ئەلدە تەسىس قىلغان «چەت ئەل ساقچى پونكىتى»غا ئىشلەش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
راشاد ھۈسەيىن يەنە: «بىز ھەتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگۇڭ ۋە باشقا گۇرۇپپىلار ئىچىدىكى شەخسلەر ۋە خىتاينى تەنقىد قىلغۇچىلارنى چېگرا ھالقىپ باستۇرۇشقا، جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆردۇق» دېگەن.
بۇنىڭدىن باشقا دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى تەدبىرلىرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، 2023-يىلى 8-ئايدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تىبەت ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشقا چېتىشلىق ئەمەلدارلارغا ۋىزا چەكلىمىسى ئېلان قىلغانلىقى، 12-ئايدا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى «ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى سىياسىتى قانۇنى»غا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىي ھوقۇقلارنى ئېغىر دەپسەندە قىلىشقا چېتىشلىق ئىككى خىتاي پۇقراسىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكى، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»غا ئاساسەن ئۈچ خىتاي شىركىتىنى جازا تىزىملىكىگە قوشقانلىقى قەيت قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 1998-يىلى تۈزۈلگەن خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنىغا ئاساسەن، خىتاي 1999-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ «ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەت» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ