پاكىستان خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبلىك تېررورچىلارنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى تەستىقلىدى

پاكىستان ھۆكۈمىتى «تېررورلۇق»نى يوقىتىش يېڭى ھەرىكىتىنى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ بېسىمىنىڭ مۇھىم سەۋەب ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 24-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە قارىتا، مەملىكەت مىقياسىدا تېررورلۇققا قارشى يېڭى ھەرىكەتنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغان. نۆۋەتتىكى باش مىنىستىر شاھباز شەرىفنىڭ ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، شاھباز شەرىف رىياسەتچىلىك قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىندا «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق»نىڭ تەھدىتىگە كەسكىن تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مۇقىملىقنى ھەل قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش قارارىنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا يەنە: «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش پاكىستاننىڭ ئۇرۇشى بولۇپ، دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بەخت-سائادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېيىلگەن.

پاكىستان سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دەلىل-ئىسپات بولمىغانلىقى سەۋەبلىك تېررورلۇق ھۇجۇمى گۇماندارلىرىنى قويۇپ بېرىش تارىخى بار بولۇپ، يېڭى ھەرىكەتتە قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىش پىلانلانغان.

پاكىستان نۆۋەتتە بىخەتەرلىك خادىملىرىغا قارىتىلغان كۈندىلىك ھۇجۇملارغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا بىر نەچچە خىتاي پۇقراسى ئۆلتۈرۈلگەن ۋەقەلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي پاكىستان ھۆكۈمىتىگە پاكىستاندىكى ئىشچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە بېسىمىنى ئاشۇرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ جيەنچاۋ ئالدىنقى ھەپتە ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى تەرەپلىك سىياسىي مۇنبەردە: «پاكىستاننىڭ بىخەتەر بولماسلىقى خىتاينىڭ پاكىستانغا مەبلەغ سېلىشىدىكى توسالغۇ» دېگەن.

يېقىنقى يىللاردا خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلۈش ئەھۋالى كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئەندىشىسى بارغانچە كۈچەيتكەن. پاكىستاننىڭ داسۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئىشلەۋاتقان بەش خىتاي ۋە ئۇلارنىڭ پاكىستانلىق شوپۇرى مارت ئېيىدا ماشىنا بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەن. پاكىستان بۇ قېتىم ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق خىتاينى پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىغا قايىل قىلماقچى بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 221 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2024 10:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق