خىتاي ئۇدا سەككىز يىل ئادەم ئەتكەسچىلىكى ئەڭ ئېغىر دۆلەت قاتارىغا تىزىلدى

خىتاي ئۇدا سەككىز يىل دۇنيا بويىچە ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلغان بولۇپ، خوڭكوڭمۇ بۇ مەسىلىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك كۆزىتىلىش دەرىجىسىگە چۈشۈرۈلگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 25-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئادەم ئەتكەسچىلىكى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ يىلنى قوشقاندا خىتاي ئۇدا سەككىز يىل ئەڭ ئېغىر مەسىلە بار دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي كونتروللۇقىدىكى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ئاۋمېنمۇ بار بولۇپ، بۇ رايون ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى ياكى ئامېرىكىدىن كېلىدىغان ياردەم كېمەيتىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇندىن باشقا بۇ يىل خىتاي كونتروللۇقىدىكى خوڭكوڭمۇ ئىلگىرىكى 2-دەرىجىدىن 2-دەرىجىلىك نازارەت قىلىش تىزىملىكىگە چۈشۈرۈلگەن. بۇ خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىگە يېتەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

خوڭكوڭ تەرەپ دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشىگە قارىتا 25-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا خوڭكوڭ تەرەپنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك كۆزىتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى، خوڭكوڭدا ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ باقمىغانلىقى، جىنايەتچىلەر شايكىلىرىنىڭ خوڭكوڭنى ئادەم ئەتكەسچىلىك ئۇۋىسى ياكى قاتناش نۇقتىسى قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل يوق ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 24-ئىيۇن «2024-يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىك دوكلاتى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا ​​188 دۆلەت ۋە رايوننى تۆت دەرىجىگە ئايرىغان. ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فىرانسىيە، تەيۋەن قاتارلىق 33 دۆلەت «ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداش قانۇنى»نىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىگە تولۇق ئەمەل قىلغان بىرىنچى دەرىجىلىك دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلغان. «ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداش قانۇنى»نىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىگە تولۇق ئەمەل قىلمىغان، ئەمما خېلى تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن دۆلەتلەر ئىككىنچى دەرىجىلىك دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلغان بولۇپ، كۆپ سانلىق دۆلەتلەر بۇ قاتارغا كىرگەن. خىتاي بۇ يىلمۇ ئادەم ئەتكەسچىلىكى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلغان بولۇپ، ئادەم ئەتكەسچىلىكنى قوللاش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەخمىنەن 27 مىليون ئادەم مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشقا، نومۇسىنى سېتىش ياكى باشقا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنى ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 248 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2024 10:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق