زۇلۇمغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇر ئۇرۇپ مېيىپ قىلىۋېتىلگەن

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى ئاتالمىش «كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش» باھانىسى بىلەن چېقىپ ئۆزگەرتىش جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندىن باشقا، ئۇيغۇرلار قۇرغان زاۋۇتلارنى مەجبۇرىي چاققان بولۇپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن كىشىلەرنى قاتتىق باستۇرغان.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم 24-ئىيۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا تارتقان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «قانۇنسىز سېلىۋالغان» دېگەن نامدا ئۇيغۇرلار قۇرۇپ چىققان ياغاچ زاۋۇتىنى مەجبۇرىي چېقىۋەتكەن. بۇ جەرياندا نارازىلىق بىلدۈرگەن زاۋۇت ئىگىسى ئابدۇرېشىت سەمەتنى ئۇرۇپ مېيىپ قىلىپ قويغان.

تارقالغان سىنلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، يەكەن ناھىيەسى تومئۆستەڭ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇرېشىت سەمەتنىڭ ياغاچ زاۋۇتىنى خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇلتۇر 4-ئايدا چېقىۋەتكەن. تومئۆستەڭ يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى قورچاق ئەمەلدار ئابدۇساتتار قاتارلىقلار ئاتالمىش «قانۇنسىز سېلىۋالغان» دېگەن نامدا زاۋۇتنى مەجبۇرىي چېقىشقا ئۇرۇنغان. ئابدۇرېشىت سەمەت زاۋۇتنى چىقىشقا ئۇرۇنغان قورچاق ئەمەلدارلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، چېقىشقا رۇخسەت قىلمىغان. قورچاق ئەمەلدارلار ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن زاۋۇتقا ئورنىتىلغان كۆزىتىش كامېرالارنىڭ توكىنى ئۈزۈۋەتكەن. ئارقىدىن يېزا كادىرلىرى، شۇنداقلا ئاھالە كومىتېت ئەزالىرىنى ئابدۇرېشىت سەمەتنى ئۇرۇشقا بۇيرۇغان. ئابدۇرېشىت سەمەتنى 60 نەچچە ئادەم بىرلىشىپ ئۇرۇپ، زاۋۇتنى مەجبۇرىي چېقىۋەتكەن. نەتىجىدە ئابدۇرېشىت سەمەت مېيىپ بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان.

سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، ئېچىنىشلىق ۋەقەدىن كېيىن ئابدۇرېشىت سەمەت تومئۆستەڭ يېزا سېكرېتارى ياقۇپ روزىنىياز، مۇئاۋىن سېكرېتارى ئابدۇساتتار ئۈستىدىن ئەرز قىلغان. گەرچە ئەرز قىلغىنىغا بىر يىل توشقان بولسىمۇ، بىراق ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ھازىرغىچە ھېچقانداق جاۋاب كەلمىگەن. ئاخىر ئابدۇرېشىت سەمەت ئۆزىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئاشكارىلىغان.

ئابدۇرېشىت سەمەت تارتقان سىنلارغا قارىتا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا «بۇ ئەھۋاللار يالغان» دېگەندەك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەرىپىنى ئالغان ئىنكاسلار يېزىلغان. ئاخىر ئابدۇرېشىت سەمەت قوش قولتۇق ھاسىسىغا تايانغان ھالدا قايتا سىنغا چىقىپ، توردا ئېلان قىلغان ئەھۋاللارنىڭ ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر ئەھۋالنى قايتا ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئۆزى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان زاۋۇتىنى ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا قانۇنسىز چېقىپ تاشلىغانلىقىنى، ئالاقىدار ئورۇنلارغا قىلغان ئەرزلىرىنىڭ ئاقمىغانلىقىنى، ھېچقانداق ئالاقىدار ئورۇننىڭ ئەھۋالىنى سورىمىغانلىقىنى، تورداشلارنىڭ بۇ سىننى كۆپلەپ تارقىتىپ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2010-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «كەپىلىك مەھەللىلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىش» نامىدا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە، پىلانلىق چېقىپ ئۆزگەرتىشكە، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 2023-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا جەمئىي 49 مىڭ 662 يۈرۈش ئۆي ۋە رايوننى چېقىپ، خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتكەن. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جەمئىي 1 مىليون 797 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي چېقىپ ئۆزگەرتىلگەن.

بۇندىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى مەجبۇرىي چېقىلغان ئۆينىڭ ئەسلى كۆرۈنۈشى، چېقىلىۋاتقان پەيتلىرى، چېقىلغاندىن كېيىنكى خارابىلىكلەر كۆرسىتىلگەنىدى. مەجبۇرىي چېقىلغان ئۆيلەر ھەرخىل گۈزەل نەقىشلەر ۋە ئويمىلار بىلەن مىللىي ئۇسلۇبتا بېزەلگەن، كۆركەم سىرلانغان بولۇپ، ئۆينىڭ سېلىنغىنىغا تېخى ئۇزاق بولمىغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. ھەتتا ئۆينىڭ تۈۋرۈكلىرىمۇ ئويما تۈۋرۈك بولۇپ، ئۆينىڭ تام، تورۇس ۋە لىملىرىغا نەقىش ئويۇلغان. مەزكۇر سىنلار خىتاي رېجىمىنىڭ يېڭى سېلىنغان ئۆيلەرنىمۇ مەجبۇرىي چاققانلىقىنى، ئاتالمىش «كونا، ئاجىز ئۆيلەرنى يېڭىلاپ سېلىش» شوئارلىرىنىڭ پۈتۈنلەي باھانە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنىدى.

گەرچە خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ۋە ئالداش ئۈچۈن: «ئۇيغۇرلار دىنى ئەركىنلىكى، مىللىي مەدەنىيىتى، ھەق-ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ھالدا ياشىماقتا» دەپ يالغان تەشۋىقات قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستاندىن تارقالغان بۇنىڭغا ئوخشاش سىنلار خىتاينىڭ كۆز بوياۋاتقانلىقىنى، شەخسىي ئىگىلىك تىكلەپ زاۋۇت-كارخانا قۇرغان ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، مال-مۈلكىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، تېررور سىياسىتىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ باستۇرۇشلارغا ماس قەدەمدە قورچاق ئەمەلدارلار ۋە خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭمۇ «مەن خالىغىنىمنى قىلىمەن، ئارقامدا خىتاي رېجىمى بار» دېگەن تەرزدە ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 531 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2024 09:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق