ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قاراتقان يېڭى جازا تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ 20 شىركىتىمۇ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى سەۋەبلىك، 24-ئىيۇن 14-قېتىملىق جازا قارارىنى تەستىقلىغان. جازا تىزىملىكىگە 675 شىركەت كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىسى ساھەسىدىكى تەسىرگە ئىگە شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 خىتاي شىركىتىمۇ بار ئىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ نۆۋەتلىك جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن شىركەتنىڭ باش ئىشتابى خىتايدا بولۇپ، خوڭكوڭدىكى بىر قانچە شىركەتمۇ تىزىملىكتە ئىكەن. جازا يۈرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىدىن ئىككىسى ئاساسلىقى سۈنئىي ھەمراھ ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. خىتاينىڭ مەزكۇر شىركەتلىرى رۇسىيەنىڭ ياللانما ئارمىيەسى ۋاگنېر گۇرۇھىغا سۈنئىي ھەمراھ ۋە سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى سېتىپ بەرگەن. يېقىندىن بېرى غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوللىدى، دەپ ئەيىبلەۋاتقان بولۇپ، خىتاي بۇنى ئىزچىل رەت قىلماقتا.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇلتۇر ئۆكتەبىردىكى بىر تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ يۈنزې تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2022-يىلى نويابىردا ۋاگنېر گۇرۇھىنىڭ باشلىقىغا تەۋە شىركەت بىلەن تەخمىنەن 31 مىليون دوللارلىق توختام ئىمزالاپ، ئىككى سۈنئىي ھەمراھ سېتىپ بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى مەزكۇر ئىككى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى خىتايدىكى داڭلىق سودا سۈنئىي ھەمراھ شىركىتى چاڭگۇاڭ سۈنئىي ھەمراھ شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھىنى تەتقىق قىلىش، ياساش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش تېخنىكىلىرىغا مەركەزلەشكەن. مەزكۇر شىركەت سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىسى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش ساھەسىدە خېلى تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇپ، 2025-يىلىغىچە 300 سودا سۈنئىي ھەمراھىغا ئىگە بولۇشنى پىلانلىغان. چاڭگۇاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكا شىركىتىمۇ دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
بۇ قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا تىزىملىكىگە يەنە خىتاينىڭ خەيدې ئاۋىياتسىيە-ئالەم تېخنىكىسى شىركىتىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر شىركەت 2023-يىلىدىلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ شىركەتمۇ ئوخشاشلا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان رەسمىي باياناتىدا: «جازا يۈرگۈزۈلگەن شىركەت-ئورگانلار ۋە شەخسلەر رۇسىيەنىڭ تېخنىكا ۋە ھەربىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا ياكى مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقان» دېيىلگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ قېتىملىق ئېمبارگو ئارقىلىق، تۇنجى قېتىم رۇسىيەنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازىغا نىسبەتەن تەدبىر قوللانغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ