گېرمانىيە: مۇناسىۋەت ناچارلىشىشنىڭ تۈپ سەۋەبى خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىشى

گېرمانىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى روبىرت خابېك خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىشىنىڭ خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاي-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشىدىكى ئاچقۇچلۇق سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى روبېرت خابېك 22-ئىيۇن بېيجىڭدا: «خىتاينىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەنى قوللىشى بېرلىن بىلەن بېيجىڭنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىش سەۋەبىدۇر، بېيجىڭنىڭ موسكۋانى قوللىشى ئىقتىسادىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

روبېرت خابېك يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى بېيجىڭدا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-گېرمانىيە كىلىمات ئۆزگىرىشى، يېشىللاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق مېخانىزمى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك دىيالوگ يىغىنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمدا ئوتتۇرىغا قويغان.

خابېك يەنە: «خىتاي بۇ ئۇرۇشتا رۇسىيەنى قوللىماقتا. مۇھىمى، خىتاي بۇ توقۇنۇشنىڭ گېرمانىيە ۋە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ خابېكنىڭ گېرمانىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە ئىقتىساد مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتى ئىكەن. ئۇ بېيجىڭغا كەلگەن مەزگىلدە خىتاي-گېرمانىيە ۋە خىتاي-ياۋروپا ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋىتى ئاللىبۇرۇن ناچارلاشقان ۋە ئېنىقسىزلىققا دۇچ كەلگەن، ھەتتا كەڭ كۆلەملىك سودا ئۇرۇشىدىن ساقلىنىشمۇ تەس بولۇپ قالغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىندا يەنە ئىمپورت قىلىنغان خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا %17.4 تىن %38.1 غىچە ۋاقىتلىق قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى خابېكنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇلارنىڭ جازا تاموژنا بېجى ئەمەسلىكىنى چۈشىنىش كېرەكلىكىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قويغان تاموژنا بېجىنىڭ ئامېرىكا، بىرازىلىيە ۋە تۈركىيەنىڭ خىتايغا قارشى يولغا قويغان جازا تاموژنا بېجىدىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 298 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2024 09:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق