خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پىلانلىق ساختا تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەپتە يەنە 30غا يېقىن چەت ئەللىك مۇخبىرنى شەرقىي تۈركىستاندا پىلانلىق زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئافغانىستان، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران، مىسىر، يەمەن، ئالجىرىيە قاتارلىق 24 دۆلەتتىن كەلگەن 26 مۇخبىر بۇ ھەپتە ئاتالمىش «بىرلىكتە خىتايغا نەزەر سېلىش شىنجاڭ سەپىرى»نى باشلىغان بولۇپ، ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا ئالتە كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىكەن.

ئاتالمىش «بىرلىكتە خىتايغا نەزەر سېلىش» تۈرى بولسا خىتاي مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى CGTN نىڭ 2024-يىلى يولغا قويغان نۇقتىلىق تاشقى تارقىتىش تۈرى ئىكەن.

خىتاينىڭ پىلانى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر زىيارەت ئۆمىكى ئالدى بىلەن قورغاس قاتارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، خەۋەردە مەزكۇر مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش تەرەققىيات، سودا مۇھىتى ۋە قولايلىقلارنى كۆرۈپ ھەيران قالغانلىقى، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا تەشەببۇسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مۇخبىرلار يەنە بورتالا، ئۈرۈمچى شەھىرىگە بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئالاقىدار خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدىكەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش قىلمىشىنى غايەت زور خىراجەت ۋە كۈچ بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي بىلەن قويۇق ئالاقىسى بولغان ياكى خىتايپەرەس شەخس، تەشكىلاتلارنى پىلانلىق تەييارلانغان ئورۇنلارغا ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق جىنايەتلىرىنى پەردازلىماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 550 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2024 19:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق