كانادا چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىش قىلمىشلىرىغا قارشى قانۇن ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ قانۇن خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى تىزگىنلەيدىكەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 21-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، كانادا تۆۋەن پالاتاسىدىن كېيىن، ئالىي پالاتاسىمۇ «چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغان بولۇپ، كانادادا تۇرۇۋاتقان باشقا چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ياكى شىركەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق كىشىلەر ۋە تەشكىلاتلاردىن تىزىمغا ئالدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە كانادا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا چەت ئەل كارخانىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى تەكشۈرۈش، ئەيىبلەش ھوقۇقى بەرگەن بولۇپ، چەت ئەللىكلەرنىڭ كانادانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش قىلمىشلىرىنى جازالايدىكەن. كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ سايلام يېڭى بەلگىلىمىنىڭ يېڭى سىناق نۇقتىسى بولۇپ، خوڭكوڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان يەرلىك گۇرۇپپىلارنىڭ قارىشىچە، يېڭى بەلگىلىمە خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا قارشى تۇرالايدىكەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى 19-ئىيۇن ماقۇللانغان بولۇپ، ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پارلامېنت بۇ قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەكشۈرۈش جەريانىنى تاماملىغان. ئۇزۇن ئۆتمەي دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، چەت ئەل ھاكىمىيەتلىرىنىڭ قول تىقىشىنىڭ، بولۇپمۇ چوڭ سايلام مەزگىلىدە ئارىلىشىشنىڭ دائىملىق ئەھۋال بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئەڭ ئاكتىپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە «چەت ئەل تەسىر كۈچىنىڭ ئاشكارا بولۇش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قانۇنى» كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قانۇن ھۆكۈمەتتىن مۇستەقىل ئەمەلدارنىڭ باشچىلىقىدا قانۇنلۇق تەشكىلات قۇرۇپ، كانادا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن باشقا دۆلەت ياكى دۆلەت كارخانىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى تىزىمغا ئالىدىكەن ھەمدە كارخانا ياكى ئورگانلارنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىكەن. بۇ ئارقىلىق سىياسەت بېكىتىش، سايلام ياكى سىياسىي نامزاتلارنى كۆرسىتىش مەسىلىسىدە سىياسىيونلار ياكى خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە قۇرماقچى بولغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدىكەن. تىزىمغا ئالدۇرمىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە زور مىقداردا جەرىمانە ۋە قاماق جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما دىپلوماتلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، ئۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن.
بۇ قانۇن لايىھەسى يەنە «كانادا ئىستىخبارات بىخەتەرلىك قانۇنى»، «ئۇچۇر بىخەتەرلىك قانۇنى» ۋە «جىنايى ئىشلار قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، چەت ئەلنىڭ نامزاتلارنىڭ كۆرسىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىق مەخپىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قول تىقىشتەك جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ