خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەر ناملىرىنى ئۆزگەرتىش جىنايىتى دىققەت قوزغىدى

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 18-ئىيۇن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە يۈزلىگەن يېزا-بازارنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكەنلىكى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سىياسىي، دىنىي مەنىگە ئىگە ئىسىملارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىملارغا ئۆزگەرتكەنلىكى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.

مەزكۇر دوكلات ھەققىدە BBC، ئەلجەزىرە، ئامېرىكا ئاۋازى، مۇھاپىزەتچى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرى مەخسۇس خەۋەر ئىشلىگەن بولۇپ، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىدا تەييارلانغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي 2009-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان ئون نەچچە يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى 25 مىڭ يېزا-كەنت ئىچىدىكى 3600 يېزا-كەنتنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 630 يېزىنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى، تارىخى، مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن مەجبۇرىي ئۆزگەرتىلگەن. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئەڭ ئېغىر بولغان مەزگىلدە تاماملانغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، «خوجا» دېگەن ئىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە 25 يېزا-كەنت، «خانىقا» كەلىمىسى بولغان 10 يېزا-كەنت، «مازار» كەلىمىسى بولغان 41 يېزا-كەنتنىڭ ئىسمى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىلگەن.

خىتاي بۇ جەرياندا دىنىي مەنىدىكى ياكى دىنى تۈس ئالغان ئىسىملارنى ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلغاندىن باشقا يەنە، تارىخىي ئەھمىيەتكە، مەنىگە ئىگە ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى نىشانلاپ، مەجبۇرىي ھالدا خىتاي ئىدېئولوگىيەسىگە ماس كېلىدىغان ئىسىملارغا ئۆزگەرتكەن. خۇسۇسەن «خەلىپە» ياكى «مەسچىت» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان يېزا-كەنتلەرنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ كەنتلەرنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى بۇ كەنتلەرنىڭ يېڭى ئىسىملىرىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسى بىلەن بىردەك بولۇشقا مەجبۇرلاش ئىكەن. خىتاي ئۇيغۇر يېزىسىغا قوشقان يېڭى ئىسىملارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىلغان، خىتاينىڭ مەقسەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىسملار ئىكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى مايا ۋاڭ: «خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى نەچچە يۈز يېزىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن چوڭقۇر  مەنىگە ئىگە ئىسىملارنى خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىغا ماس كېلىدىغان ئىسىملارغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى يوقاتماقچى بولدى» دېگەن.

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي 2018-يىلى «ئاق مەسچىت» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كەنتنىڭ نامىنى «ئىتتىپاق كەنتى»گە ئۆزگەرتىلگەن. 2022-يىلى «دۇتار» دەپ ئاتالغان كەنتنىڭ ئىسمىنى «قىزىل بايراق كەنتى»گە ئۆزگەرتكەن.

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مۇدىرى ئېلىن پېرسونElaine Pearson: «بۇ خىتاي رېجىمىنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىنى تېررورلۇق بىلەن چېتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئىسلام مەدەنىيىتىگە باغلىنىشلىق بولغان ھەر قانداق نەرسىنى تەھدىت دەپ قارىغان. شۇڭا ئىسلامغا ئالاقىدار جايلارنىڭ نامىنى خىتاي ئىدېئولوگىيەسى بىلەن تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزگەرتىۋەتكەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، مەجبۇرىي ئۆزگەرتىلگەن يېزا-كەنتلەردە ياشىغان 11 ئۇيغۇر زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۆز يۇرتلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئۇلارغا ئېغىر تەسىر قىلغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، جازا لاگېرىدىن چىققان بىر ئۇيغۇر ئۆزىگە تونۇش بولغان كەنتنىڭ نامىنى قاتناش بېلىتى سېتىۋېلىش سىستېمىسىدىن تاپالمىغانلىقىنى ئېچىنىش ئىچىدە تىلغا ئالغان. يەنە بىر ئۇيغۇر بولسا خىتاي تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن جاينىڭ ئەسلى ئىسمىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىر پارچە شېئىر يازغانلىقىنى ۋە ناخشا ئىجاد قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىش جىنايىتى ئىشغالىيەت تارىخىدىن تارتىپ باشلانغان بولۇپ، ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدىمۇ نۇرغۇنلىغان كەنت-يېزىلارنىڭ ئىسمى قىزىل ئىسىملارغا مەجبۇرىي ئۆزگەرتىلگەنىدى. يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، خىتايلارنىڭ ئىشغالىيەت جىنايىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق تارىخى، ئېتىقادى، مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يەر-جاي ناملىرىمۇ خىتاينىڭ يوقىتىش نىشانىغا ئايلانغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 484 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2024 19:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق