ب د ت شەرقىي تۈركىستان دوكلاتىنى يېڭىلاشقا ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىلدى

ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە، ئىككى يىل ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىنى تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن يېڭىلاشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر تۈركۈم ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ب د ت نى ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىنى يېڭىلاشقا ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان.

ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار دوكلاتى 2022-يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ باھالانغانىدى. دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار بولغان تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان قىيناش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش قاتارلىق كۆپلىگەن ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەنىدى.

گەرچە دوكلات ئېلان قىلىنىپ ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق  شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولمىغان. بۇ سەۋەبلىك  ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى مۇلازىمەت ئورگىنى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى 20-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈركنى بۇ ھەقتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.

باياناتتا «ئالىي كومىسسار ئىشخانىسىنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى داۋاملىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، بۇ ھەقتە ئاشكارا دوكلات قىلماسلىقى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ھايات قالغۇچىلار مەسىلىسىدە مەزكۇر ئورگانغا بولغان ئىشەنچنى يوقاتتى» دېيىلگەن.

ۋولكېر تۈرك سەيشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىنىڭ 56-قېتىملىق يىغىنىدا، يەر شارىنىڭ  نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان. ئەمما ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى باياناتىدا ۋولكېر تۈركنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ تەپسىلاتىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيتىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ماھىيەتلىك يېڭىلاش ئەھۋالىنى ياكى ئىشخانىنىڭ دوكلاتتىكى تەۋسىيەلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارىنىڭ بۇ دوكلاتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 420 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2024 19:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق