خىتاي قۇربان ھېيت مەزگىلىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇندى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارانىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ساختا مەيدان ياساپ، خىتاي ۋە چەت ئەل زىيارەتچىلەرنى كۆپەيتكەن بولۇپ، بۇ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياپ، جىنايىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي 17 ـ ئىيۇن قۇربان ھېيت كۈنى خوتەن شەھىرىنىڭ ناۋا كوچا رايونىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ياساپ چىققان قەدىمىي تۈس، قەدىمىي پۇراققا ئىگە كوچىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ، ئۇسسۇل ئويناشقا تەشكىللىگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۈگۈر ناھىيەسىدىكى مەركىزىي يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىمۇ ئاتالمىش «قۇربان ھېيتنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىش . شادلىق ئىچىدە بۈگۈردىن بەھرىلىنىش . ئىستېمال ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش يىغىلىشى» ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خەۋەردە يەنە غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى ساياھەت رايونى، سانجى شەھىرىنىڭ يۈشۇگوۋ بازىرى چارۋىچىلىق كەنتى، قابا ناھىيەسىنىڭ تېرەكتى يېزىسى ئاققابا كەنتى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى قاتارلىق ئورۇنلاردا قۇربان ھېيتلىق پائالىيەت تەشكىللەنگەنلىكى مىسال تەرىقىسىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي خەلقنى مەجبۇرىي ئۇسۇلغا سېلىپ: «قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى» دەپ تەشۋىق قىلغان.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى قۇربان ھېيتتىكى كۆز بويامچىلىق پائالىيەتلىرىنى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى خادىملىرى، خەلق بىلەن تۇغقانلاشقان كادىرلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. بۇ بۇ ئارقىلىق 2014-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاساسى قاتلامدىن باشلاپ قاتتىق باستۇرۇش مەقسىتىدە باشلىغان كەنت ئاھالىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىزمەت ئەترىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن مەجبۇرىي تۇغقان قىلىنغان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ھازىرغىچە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتىلغان تەقىب ۋە باستۇرۇشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلاندۇرۇش»، «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش»، «تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش»، «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «قۇرئان كەرىمنى سوتسىيالىزمغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ شەرھلەش» دېگەن ناملار ئاستىدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېتىقادىنى، مەدەنىيىتىنى، تىل-يېزىقىنى، ئەنئەنىلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلدى. بۇ جەرياندا ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، زور مەبلەغ سېلىپ يالغان تەشۋىقات قىلىش ئارقىلىق، جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنىدى. گەرچە خىتاي بۇ يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلىدە يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق ھېيت ھارپىسىدا ئۇيغۇرلار قىسقا سىنلار ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتتىق تەقىب قىلىپ باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 451 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2024 19:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق