ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ يىلمۇ قۇربان ھېيتنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن تەبرىكلىگەن بولۇپ، 19-ئىيۇن ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە سەفاكۆي رايونىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىرلەشمە ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ھېيتلىشىش پائالىيىتىنى تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى، ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەقفى قاتارلىق كۆپلىگەن جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، نەچچە مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەت مۇھەممەد ئەمىن قارىھاجىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئالدى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلدى. ئۇ مۇشۇنداق مۇبارەك كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئاستىدا ئىڭراۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، بۇ ئالاھىدە كۈنلەردە ۋەتەننى ئۇنتۇماسلىق كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئاستىدا يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان، چەت ئەلدىكى قېرىنداشلىرى ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلامدىكىن دېگەن ئۈمىدتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھىجرەت زېمىنىدا بىلىم ۋە ماھارەت ئۆگىنىش ئارقىلىق، ۋەتەندە قالغان قېرىنداشلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشنى نىيەت قىلغانلىقىنى، ئاللاھ بەرگەن مۇھاجىرلىق نېمىتىنىڭ قەدىرىنى بىلىش كېرەكلىكىنى، مۇھاجىرلىق مەسئۇلىيىتىنى تونۇشى كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ ھەر ئىشتا ئاللاھنى ئۇنتۇماسلىق، ھەقىقىي مۇھاجىرلىق سۈپەت بىلەن ياشاش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىس ۋەكىلى خالىد مۇھەممەد ئەمىن سۆز قىلدى. ئۆ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۈگۈنكىدەك جەم بولۇپ يىغىلىشقا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەۋاتقان جىنايەتلىرى سەۋەب بولغانلىقىنى، بۇ يىغىلىشنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ تۈرك دۇنياسى مەسئۇلى مەتىن فىدانىر سالام سۆزى قىلىپ، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر ۋاقىت قېرىندىشىم دەپ قارايدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ئۆزلىرىنىڭ مەسىلىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن د ئۇ ق ۋەقفىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد سۆز قىلىپ، تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكتە قۇربان ھېيتىنى قۇتلۇقلىغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن بۇ بىرلىك، ھەمكارلىقنىڭ داۋام قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى مەھمۇد داموللام سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەكلىكىنى، بارلىق خەلقتىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا پىداكار ۋە سەمىمىي بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەقفىنىڭ ۋەكىلى قاسىمجان داموللام سۆز قىلدى. ئۇ ھېيتلىق تەبرىكىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بۈگۈنكىدەك بىرلىككە كېلىشىدىن ئىبارەت ياخشى باشلىنىشنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم ۋە ئىزچىل ھالدا داۋاملىشىشىنى ئاللاھتىن تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتتە يەنە بىر قىسىم ئۆسمۈرلەر جەڭگىۋار شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى سۇندى.

ئاخىرىدا جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ يېقىندا 10 مىڭ كوممۇنىست خىتاينى ئون مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، خەلقنىڭ نۆۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۇ ھالەتتە تۇرۇپ خىتايغا قارشى ھېچقانداق ھەرىكەتنىڭ بولمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئارقىدىن ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ يېتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز دەۋاسىدا جاسارەتلىك، پىداكار بولۇشى، خىتاينىڭ ھالاكىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھېيتلىشىش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان بالىلارغا ھېيتلىق تارقىتىپ بېرىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1933 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2024 18:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق