خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرى نۇرغۇن دۆلەتلەردە قارشىلىققا ئۇچرىدى

خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ئېكسپورتى نۇرغۇن دۆلەتلەردە قارشىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى بافېتنىڭ خىتاي ماركىسى BYD نىڭ پاي چېكىنى زور دەرىجىدە ئازايتىشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنياغا داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى ۋارېن بافېتنىڭ كونتروللۇقىدىكى Berkshire Hathaway شىركىتى يېقىندا خىتاي ئاپتوموبىل شىركىتى BYD نىڭ پېيىنى ئازايتقان. بۇ بافېتنىڭ يېقىنقى ئون ئاي ئىچىدە تۇنجى قېتىم پاي چېكىنى زور مىقداردا ئازايتىشى، شۇنداقلا 2022-يىلى 8-ئايدىن بۇيان 14-قېتىم ئازايتىشى ئىكەن.

خوڭكوڭ ئاكسىيە بازىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بافېتنىڭ بۇ قېتىملىق BYD پېيىنى سېتىۋېتىشى 11-ئىيۇندىكى ئەھۋال بولۇپ، سېتىلغان پاي سانى 1 مىليون 350 مىڭغا يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن بافېتنىڭ شىركىتىنىڭ BYD پېيىدىكى ئۈلۈشى %7.02 دىن %6.9 كە تۆۋەنلىگەن. BYD پاي چېكىنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسى 230 خوڭكوڭ پۇلى بولۇپ، بۇ قېتىم سېتىۋېتىلگەن قىسمىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 310 مىليون خوڭكوڭ پۇلى ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، Berkshire Hathaway شىركىتى 2008-يىلى BYD دىكى ھەر بىر پېيىنى 8 خوڭكوڭ پۇلىغا سېتىۋالغان بولۇپ، قىممىتى بىر ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ئىكەن.  ئومۇمىي پاينىڭ سانى بولسا تەخمىنەن 225 مىليونغا يەتكەن.

BYD نىڭ پاي چېكى 2022-يىلى 6-ئايدا ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىققان بولۇپ، ھەر بىر پاينىڭ باھاسى 331.4 خوڭكوڭ پۇلىغا يېتىپ، ئەسلىدىكى باھاسىدىن تەخمىنەن 41 ھەسسە ئاشقان.

شۇنىڭدىن كېيىن، بافېت BYD نىڭ پېيىنى قولىدىن چىقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، Berkshire Hathaway شىركىتى 2022-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر BYD شىركىتىنىڭ تەخمىنەن 150 مىليون پېيىنى سېتىۋەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2008-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان 14 يىل ئىچىدە، ئامېرىكا شىركىتىنىڭ BYD غا سالغان مەبلىغى 38 ھەسسىگە يېقىن ئاشقان. سەيشەنبە كۈنىگە قەدەر، بافېتنىڭ شىركىتىنىڭ قولىدا يەنە 75 مىليون 700 مىڭ BYD پاي چېكى بار بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى 17 مىليارد 600 مىليون خوڭكوڭ پۇلى، يەنى تەخمىنەن 2 مىليارد 300 مىليون دوللار ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 376 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2024 18:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق