ئامېرىكا تەيۋەنگە زور مىقداردا قورال-ياراغ سېتىپ بەردى

ئامېرىكا تەيۋەنگە 360 مىليون دوللار قىممىتىدە يېڭى قورال سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بار ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بەشبۇرجەكلىك بىنا مۇداپىئە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئىدارىسى 18-ئىيۇن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەيۋەنگە ئەڭ يېڭى بىر تۈركۈم قورال سېتىشنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ قوراللارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 360 مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 720 يۈرۈش «قاتلىما پىچاق 300» تىپلىق قورال-ياراغقا قارشى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، 291 يۈرۈش Altius 600M-V تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سىستېمىسى قاتارلىقلار بار بولۇپ، تەيۋەننىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىكەن.

تەيۋەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دائىملىق ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كەلگەن پەيتتە، ئامېرىكا تەرەپ رازۋېدكا قىلىش ۋە دەل ۋاقتىدا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەمدە دۈشمەننىڭ تەھدىتىگە تېز ئىنكاس قايتۇرالايدىغان قورال-ياراغلارنى سېتىشقا قوشۇلغان.

چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىچىك تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش تىپىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. بۇ قوراللار ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى بېرىلگەنگە قەدەر نىشان قىلىنغان رايون ئەتراپىدا ئۇچىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئورگىنى يېڭى سېتىلغان قورال سېتىۋالغۇچى دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى، تاپشۇرۇۋالغۇچى دۆلەت بۇ ئۈسكۈنىلەرنى قوراللىق قىسىمغا سەپلەشتە قىينالمايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ قورال-ياراغ ۋە قوللاشلار رايوندىكى ئاساسىي ھەربىي تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 300 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2024 18:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق