شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى خىتاينى ئاگاھلاندۇردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى خىتاينى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ 17-ئىيۇن ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ رۇسىيەگە قىلغان ياردىمى سەۋەبلىك، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ خىتايغا چوقۇم بەدەل تۆلەتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ستولتېنبېرگ سۆزىدە: «خىتاي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ياۋروپادا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ قوراللىق توقۇنۇشنى ئۇلغايتماقتا» دېگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ستولتېنبېرگ دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئەقىل ئامبىرى ۋىلسون مەركىزىدە سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدا ئىككىنچى مۇھىم رول ئىكەنلىكىدەك تەسىراتنى پەيدا قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، جازادىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، رۇسىيە بىلەن بولغان  سودىنى راۋان ھالدا ساقلاپ قالغانلىقىنى،  ئەمما رېئاللىق بولسا، خىتاي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ياۋروپادا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ قوراللىق توقۇنۇشنى ئۇلغايتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەرب بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش خام خىيالىدا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ستولتېنبېرگ خىتاينىڭ ھەر ئىككى مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئەگەر خىتاي سىياسەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمىسە، ئىتتىپاقداشلار خىتايغا چوقۇم بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە خىتاي ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ» دېگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى خىتاينىڭ رۇسىيە ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى بارغانسېرى كۈچلۈك تەنقىدلەپ، خىتاي شىركەتلىرىنى رۇسىيە ھەربىي تارماقلىرىنى زاپچاس ۋە ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىگەن، دەپ ئەيىبلىگەن.

ستولتېنبېرگ يەنە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ شىمالى كورېيە زىيارىتىنى تەنقىد قىلىپ: «بۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا دۇنيادىكى مۇستەبىت دۆلەتلەرگە قانچىلىك تايىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. رۇسىيەنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرى ۋە رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى كۈچلۈك قوللىغۇچىلار بولسا شىمالى كورېيە، ئىران ۋە خىتاي» دەپ تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 298 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2024 13:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق