ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي باش مىنىستىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

16-ئىيۇن ئادلەيد شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئازلاق مەيدانىدا ئاۋسترالىيەگە تۆت كۈنلۈك زىيارەتكە بارغان خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭغا قارشى نامايىش قىلدى.

نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلار، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى خىتايلاردىن بولۇپ، 400 گە يېقىن كىشى نامايىشقا قاتناشقان.

 لى چياڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتى داۋامىدا ئادلەيد شەھىرى ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى مۈشۈكئېيىقنى يوقلاش ئۈچۈن باغچىغا بارغان. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇپ، ئۆزئارا  دىدارلاشقان. ئارقىدىن خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە نارازىلىقىنى، غەزىپىنى بىلدۈرۈش شۇنداقلا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى، خەلقىگە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش قىلغان.

گەرچە ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى نامايىشچىلارغا قارشى خىتايلارنى  تەشكىللەپ نامايىشنى قالايمىقان قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ جانلىق ھەرىكەتلىرى، نامايىشقا قاتناشقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن خىتاي مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. نامايىشتا ئاۋسترالىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زىندانلىرىدا قىيىن كۈنلەرنى، ئېغىر باستۇرۇشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان قېرىنداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى قايتا نامايان قىلغان.

قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، «خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات!» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار: «تېررورسىت لى چياڭ!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.

نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم سۆز قىلىپ، نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ جاسارىتىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نەق مەيداندا كۆرسەتكەن پىداكارلىقىنى ماختىغان.

ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن :«نامايىشقا قاتناشقا خەلقىمىزنىڭ جاسارىتىنى شەرقىي تۈركىستاندا ئاۋازسىز قالغان قېرىنداشلىرىمىز كۆرسە بىزدىن پەخىرلىنىدىغان ھالەتنى بەرپا قىلدۇق» دېگەننى بىلدۈرگەن. ئارقىدىن نامايىشقا قاتناشقا ئۇيغۇرلارنىڭ  قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەپ: «ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ ئىككى تەرىپى بار، بىرىنچىسى ئاللاھ  بىزگە بۇيرۇغان پەرز ئەمەللەرنى قىلىش، ئىككىنچىسى  ئاللاھ بىزنى بۇ دۇنياغا ھۆر ياشاش ئۈچۈن، ئۆزىمىزنىڭ ھەقلىق ھوقۇقىنى قوغداش، دۈشمەنگە قارشى جاسارىتىمىزنى كۆرسىتىش يولىدا، بىزنىڭ ئىمانىمىز سىنايدۇ، دىنىمىز، ئىمانىمىز، ئەخلاقىمىز بىزنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىمىزگە، ۋەتەن سۆيگۈمىزگە، بىرلىكتە ۋەتىنىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىزغا قارشى ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

ئۆ سۆزىنىڭ ئاخىردا يەنە: «ئىسلام دىنىمىز بىزگە زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەت قىلىش، پىداكارلىق كۆرسىتىشنى پەرز قىلىپ بېكىتتى، بىز خىتايغا قارشى قىلغان ھەرىكىتىمىزنى ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن نېمىتى، ئاللاھقا قىلغان ئىبادىتىمىز دەپ تونۇيلى» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 326 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2024 13:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق