خىتاي شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى ۋە ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاش ئۈچۈن خەلقئارالىق يىغىن ئورۇنلاشتۇردى

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنىدى. خىتاي ئالدىنقى ھەپتە قەشقەردە ئاتالمىش «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كېلەچىكى» تېمىسىدا خەلقئارالىق مۇنبەر تەشكىللىگەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كېلەچىكى» تېمىلىق خەلقئارالىق مۇنبەر 12-ئىيۇن قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،  مۇنبەردە ئارخېئولوگىيە، تارىخ ساھەسىدىكى خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ تارىخ، ئىنسانىيەت جەھەتتىكى كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىتاي بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆرنەك ئېلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

خەۋەردە قازاقىستان، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، مىسىر قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن جەمئىي 170 تىن ئارتۇق كىشى مۇنبەرگە قاتناشقان بولۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيەسى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى، شىنجاڭ تارىخى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك راۋانلىقى» قاتارلىق باش تېمىلار مۇھاكىمە قىلىنغان.

مۇنبەردە سۆز قىلغان خىتاينىڭ ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلىرى شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەن. يىللاردىن بېرى «شىنجاڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىدى» دېگەن سەپسەتىنى تەكرارلاپ كەلگەن خىتاي مەزكۇر مۇنبەردە بىلجىرلاپ، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى ئەزەلدىن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىدى» دېگەن سەپسەتىنى كۈچەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلاندۇرۇش» نامى ئاستىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتە. شۇنداقلا خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاش، ئۆزگەرتىش، يوقىتىش پىلانلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئىجرا قىلماقتا.

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش، تارىخىنى بۇرمىلاش پىلانى بويىچە، بۇ يىل يىل بېشىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ مۇزېي»نىڭ كۆلىمىنى ئەسلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسىگە يېقىن كېڭەيتىپ سالغان. 2-قارارلىق يېڭى سارايدا ئاتالمىش «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان. مەزكۇر كۆرگەزمىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ «ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى» دەك بۇرمىلانغان تارىخنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش مەقسەت قىلىنغان 1500 دىن ئارتۇق ئاتالمىش «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» قويۇلغانىدى. خىتاي بۇ قېتىم تەشكىللىگەن ئاتالمىش «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كېلەچىكى» تېمىسىدىكى يىغىن ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تەۋەلىكىنى بۇرمىلاش سەپسەتىلىرىنى خەلقئارالاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 407 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2024 13:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق