خىتايدا ئولتۇرۇشلۇق بىر كانادالىق تېسلا شىركىتىنىڭ باتارېيە تېخنىكىسىنى ئوغرىلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، دېلوغا چېتىشلىق يەنە بىر خىتاي قېچىپ يۈرمەكتىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 13-ئىيۇن خىتايدا ياشاۋاتقان بىر كانادالىق نىيۇيورك فېدراتىپ سوت مەھكىمىسىدە ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىسىنىڭ سانائەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ئۇ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ شېرىكى بولغان بىر خىتاي ھازىرمۇ قېچىپ يۈرۈۋاتقان بولۇپ، كانادا ۋە ئامېرىكا تاراتقۇلىرى مەخپىيەتلىكى ئوغرىلانغان شىركەتنىڭ تېسلا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتتا: « گېرمانىيە پۇقرالىقىمۇ بولغان 58 ياشلىق كانادالىق كىلائۇس پىفلۇگبېل ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان توكلۇق ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى يوللاش جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلدى» دېيىلگەن.
باياناتتا دېيىلىشىچە، پفلۇگېربېل 10 يىللىق قاماق جازاسىغا دۇچ كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ شېرىكى شاۋ يىلوڭ ئىسىملىك خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، سودىگەر قىياپىتىگە كىرىۋالغانFBI خادىمىغا ئوغرىلىغان سودا مەخپىيەتلىكىنى سېتىپ بەرگەن.
ئامېرىكا تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئىككى جىنايەتچى ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىق توكلۇق ئاپتوموبىل شىركىتىدىن ئوغرىلىغان سودا مەخپىيەتلىكى ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيە كەسپىنى قۇرۇپ چىققان.
يېقىنقى يىللار مابەينىدە خىتاينىڭ تۈرلۈك مۇرەككەپ ۋاسىتىلەر بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى، ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى، سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغانلىقى پاش بولماقتا. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى بىر قىسىم تەدبىر ۋە جازالارنى يولغا قويماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ