ئامېرىكا خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى چەكلىمەكتە

ئامېرىكا رۇسىيەگە قاراتقان جازانى كېڭەيتىپ، خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ موسكۋا بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى چەكلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا 12-ئىيۇن رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانى كېڭەيتكەن. G7 رەھبەرلىرى ئىتالىيەگە يىغىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنچى مۇھىم ئىشى ئۇكرائىناغا بولغان قوللاشنى ئاشۇرۇش ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ماشىنىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

چارشەنبە كۈنىدىكى يۈرۈشلۈك پىلانغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئۇرۇش قىلىشىغا ياردەم بېرىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى نىشان قىلىنغان بولۇپ، تەستىقلانغان رۇسىيە ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان چەتئەل پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ خەۋپى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بېرىلىدىغان جازادا يەنە رۇسىيەنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نىشانلاپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىغا ئېقىۋاتقان پۇلنىڭ مىقدارىنى چەكلەش ئىكەن. جازا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، موسكۋا ئاكسىيە بىرژىسى ئامېرىكا دوللىرى ۋە ياۋرو سودىسىنى توختىتىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان، ئامېرىكا 4000 دىن ئارتۇق رۇسىيە شىركىتى ۋە شەخسلىرىگە موسكۋاغا مەبلەغ سېلىش ۋە قورال-ياراغلارنىڭ ئېقىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان جازالارنى ئېلان قىلغان. رۇسىيەنىڭ ئىلغار ئوت كۈچى يېقىنقى ئايلاردا ئۇنى جەڭ مەيدانىدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغان. نۆۋەتتە رۇسىيە تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولۇپ، يېڭى شىركەتلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىغان.

گەرچە بېرىلگەن جازا قانۇنسىز ماللارنىڭ ئايلىنىشىنى توختىتالمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار رۇسىيەنىڭ ھالقىلىق تېخنىكىلىق قوراللارنى سېتىۋېلىشىنى ۋە تاۋارلارنىڭ ماركىسىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. 12-ئىيۇن كۈنىدىكى يۈرۈشلۈك يىغىندا ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا سوممىسى 100 مىليون دوللاردىن ئاشىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 262 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2024 12:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق