شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرسىز ھېيت بازىرى، ئۇيغۇرسىز دۇكانلار كۆپەيمەكتە

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قايناق بازارلاردا ئۇيغۇرلار ئازىيىپ قالغان، ھەتتا ئۇيغۇرلارنى كۆرگىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى. نۆۋەتتە ھېيت بازارلىرىمۇ ئۇيغۇرسىز بولۇپ قالغانلىقى ئاشكارىلاندى.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت خانىم ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسىدە ھەمبەھرىلىگەن سىنلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىللىق قۇربان ھېيت ھارپىسىدا كىيىم-كېچەك دۇكانلىرىدا ئۇيغۇرلار ئازلاپ قالغان، ھەتتا بەزى بازار، رەستىلەر ئۇيغۇرسىز بولۇپ قالغان.

بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر سىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇشتىن تارقىتىلغان بولۇپ، دۇكاندارلار ئۇيغۇرسىز دۇكان، ئۇيغۇرسىز رەستىلەرنى كۆرسىتىپ: «ھېيت ھارپىسىدىكى بازاردا ئادەم مىغ - مىغ، خېرىدارلار پاتمايۋاتىدۇ مانا! بازالار قىزىپ ئوتتەك بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، بازار يامان ياخشى، مۇشۇنچىلىك بولۇۋاتىدۇ بازارلار مانا! بۈگۈن 6-ئانىڭ 12-كۈنى، بۇ سىننى دۇكان ئىگىلىرىگە ئەۋەتىپ قويغان بولساڭلار، بۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ دۇكاننىڭ ئىجارىسىنى يەنە ئۆستۈرۈشنى ئويلىشىپ كۈرە » دەپ تەنە قىلغان.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدىن تارقىتىلغان سىنلاردا بولسا ھېيت ھارپىسىدا كىيىم – كېچەك بازىرىدا دۇكانداردىن باشقا ئادەم كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ، سودىگەر بازارنىڭ ئادەمسىز، ئۇيغۇرسىز بولۇپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ: « بۇ يىل ھېيت بۇلامدۇ بولمامدۇ؟ بىرەرسى ھېيت بولمايدۇ دەپ ئۇقتۇرۇش قىلمىغاندۇ! خېرىدارلار! ئادەمنى بەڭ ئەنسىرەتمەڭلار ؟ يېتىشمەي قالمىسۇن دەپ مالنى تولۇق ئەكەلگەن ئىدىم، ئەمما... سودا بولمىغانسېرى يارام ماللارنىڭ باھاسىنى، بولۇپمۇ سۈپەتلىك يازلىق كىيىملارنى 49 يۈەنگە چۈشۈرۈۋەتتۇق، بۇ تىجارەت قىلىدىغان يىلمۇ ياكى تال ئۇستاڭنىڭ سايىسىدا يېتىپ ئۇخلايدىغان يىلمۇ؟ بۈگۈن 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، ھېيتقا تۆت كۈن قالغان كۈنى تۇرسا، ئادەتتە بۇنداق ھېيتىنىڭ ھارپىسىدا خېرىدار بىلەن توشۇپ كېتەتتى بۇ دۇكانلار» دېگەن ۋە چۆلدەرەپ قالغان كوچىلار كۆرسەتكەن.

خىتاي بىر نەچچە يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى، مەدەنىيىتىنى يوقىتىشتەك رەزىل مەقسىتى بىلەن، ئاتالمىش «كونا ئولتۇراق رايونىنى يېڭىلاش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايونلارغا سۈرگۈن قىلغانىدى، مىللىي ئۇسلۇبتىكى ئۆي-ئىمارەتلەر، ھويلا-ئاراملارنى مەجبۇرىي چېقىپ، خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىپ كەلگەنىدى. شۇنداقلا بىر قىسىم تارىخىي بازارلارنى چېقىپ، تۈزلىۋەتكەن ياكى تاقىۋەتكەنىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق، تارىخىي ئىزلارنى، مەھەللە، قوشنىدارچىلىق كۈلتۈرىنى ۋە بىناكارلىق مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق خەلقنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرۇش، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول ۋە نازارەت قىلىش، نوپۇس نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق رەزىل مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى، ئاخىردا شەرقىي تۈركىستاننى ئۇيغۇرسىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈلۈك يۇتۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 341 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2024 12:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق