خىتاينىڭ تىبەت ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتلىرىغا قارشى قانۇن لايىھەسى ماقۇللاندى

ئامېرىكا پارلامېنتىدا تىبەتكە ئالاقىدار يېڭى قانۇن لايىھەسى ماقۇللانغان بولۇپ، خىتاينىڭ تىبەت ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتلىرىغا قارشى تۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 12-ئىيۇن يېڭى قانۇن لايىھەسى ماقۇللاپ، ئامېرىكا مەمۇرىي ئورگانلىرىغا خىتاينىڭ تىبەتنىڭ تارىخى ۋە قانۇنىي ئورنى توغرىسىدىكى يالغان تەشۋىقاتلىرىغا قارشى تۇرۇش ھوقۇقى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغان بولۇپ، ئاقسارايدا پىرېزىدېنتنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇلىدىكەن.

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا 391 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 26 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى نەتىجىسىدە «تىبەت-خىتاي تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» ماقۇللانغان. بۇ قانۇن لايىھەسى 2002-يىلىدىكى «تىبەت سىياسىتى قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى مەقسەت قىلغان.

قانۇن لايىھەسىدە تىبەت خەلقىنىڭ «پۇقراۋى ھوقۇق ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى» ۋە «ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى خەلقئارا ئەھدىنامىسى» قاتارلىق خەلقئارا قانۇن بويىچە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكى، ئەمما خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسەتلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ ھوقۇقىغا يول قويمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

قانۇن لايىھەسىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى سىياسىتى خىتاي ۋەكىللىرىنى دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شەرتسىز بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشكە ئىلھاملاندۇرۇش بولغانلىقى، ئەمما خىتاي سۆھبەتكە توسالغۇ پەيدا قىلىپ، دالاي لامادىن تىبەت قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر قىسمى، دەپ ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، دالاي لاما خىتاينىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ توختاپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكىنىڭ ئاممىۋى دىپلوماتىك تىرىشچانلىق ئارقىلىق، خىتاينىڭ تىبەت تارىخى، تىبەت خەلقى، ئورگانلىرى ۋە دالاي لاما ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتلىرىغا قارشى تۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.

تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى «پارلامېنت پىكرى» تەرىقىسىدە بايان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تىبەتنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن بۇيان خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشىنىڭ تارىخىي نۇقتىدىن خاتا ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ كۈتكىنىدەك دالاي لاما ياكى ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تىبەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەل قىلىش چارىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشمىگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاي بىلەن دالاي لاما ياكى ئۇنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ياكى تىبەتلەر سايلاپ چىققان رەھبەرلەر ئوتتۇرىسىدا شەرت قويمىغان ئاساستا سۆھبەتلىشىشنى قولايلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ چىقىش تەلەپ قىلىنغان.

قانۇن لايىھەسىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، سۆھبەت ئارقىلىق تىبەت مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىپ، سۆھبەتنىڭ كېلەچىكىنى ياخشىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

قانۇن لايىھەسىدە يەنە خىتاينىڭ تىبەت ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ئاكتىپ ۋە بىۋاسىتە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا پارلامېنتى تىبەت ئىشلىرىنى ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسىغا ھەرىكەت قوللىنىش ھوقۇقى بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 451 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2024 18:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق