ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئۈچ خىتاي شىركىتىنى جازا تىزىملىكىگە قوشتى

ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئۈچ خىتاي شىركىتىنى جازا تىزىملىكىگە قوشقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى 11-ئىيۇن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»غا ئاساسەن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا خىتاينىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ئاليۇمىن ۋە ئاياغ سانائىتىگە ئالاقىدار ئۈچ شىركىتىنىڭ جازالىنىدىغان شىركەت، ئورگانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىنىڭ ئورگان تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا دېيىلىشىچە، مىنىستىرلىق بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ئاليۇمىن ۋە ئاياغ سانائىتىگە بولغان دىققىتىنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، 12-ئىيۇندىن باشلاپ ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇ ئۈچ ئورۇن ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش تەرتىپىنى باشلايدىكەن.

جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرى دۇڭگۈەن لۈجوۋ ئاياغ چەكلىك شىركىتى، شەندۇڭ مېيجيا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» شېنخۇ كۆمۈر ۋە ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار ئىكەن.

2021-يىلى 24-ئىيۇن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى تەستىقلىغانىدى. بۇ قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدىكى ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، لايىھەنى سۇنغان ئىككىيلەندىن باشقا يەنە 51 كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى لايىھەنى قوللاپ ئىمزا قويغانىدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك يوللار ۋە كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملار ئارقىلىق خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىنسانىي ھوقۇقلارغا دەخلى-تەرۇز قىلىش مەسىلىسىگە ئارىلىشىش، شۇنداقلا ۋىزا چەكلىمىسى، ئىقتىسادىي جازا، ئىمپورت-ئېكسپورت كونترولى دېگەندەك تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ، خىتايغا بېسىم قىلىش تەشەببۇس قىلىنغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2021-يىلى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» رەسمىي ئىمزالىنىپ ئىجرا قىلىشقا باشلانغاندىن بۇيان، يېڭىدىن قۇرۇلغان مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى ئىجرا قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى مەزكۇر قانۇنغا چۈشىدىغان 68 شىركەت، ئورگاننى جازالاش تىزىملىكىگە قوشقان. پەقەت ئۆتكەن 12 ئايدىلا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلەر %240 كۆپەيگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 345 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2024 18:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق