ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئىستانبۇلدا زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بۇندىن 15 يىل بۇرۇنقى 5-ئىيۇلدا يۈز بەرگەن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ تىپىك نامايەندىسى بولغان 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش، شېھىتلەرنى ياد ئېتىش، خىتاي نۆۋەتتە ئىزچىل ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى غەزەپ-نەپرەتنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ۋە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىش خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلغان، مەيداننى لىق توشقۇزغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تۈركىيە خەلقى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى لەپىلدەتكىنىچە، خىتاينىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىكى ۋەھشىيانە باستۇرۇشىغا ۋە نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى شوئارلارنى توۋلاشتى. نامايىشتا 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىسپاتلىق سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن پىلاكاتلار كۆتۈرۈلۈپ، مەيدانغا يىغىلغان مۇخبىرلارغا خىتاينىڭ قانلىق باستۇرۇشى نامايان قىلىندى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئالدى بىلەن بايانات ئوقۇدى. ئۇ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئوت پىلتىسى بولغان شاۋگۈەن قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تىنچ نامايىش قىلغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ خەلقنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭمۇ بۇ جىنايەتكە كۈچ چىقارغانلىقىنى، بۇ ۋەقەنىڭ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ باياناتىدا يەنە خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلىپ، 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىۋەتكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىقتىسادىي كۈچى ۋە سىياسىي تەسىرى ئارقىلىق، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە ئاۋاز چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قالايمىقان بولۇشى سەۋەبلىك پەلەستىن ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى شەرقىي تۈركىستان ۋەكىلى تۇرغۇزۇشقا، خەلقئارالىق تاراتقۇلارنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توسۇشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن  ئىلىم ۋە پىكىر تەتقىقات ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئېھسان شەنئوجاق سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن 15 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ تارىختىكى شانلىق كۈرەش ھاياتىنى ئەسلىتىپ، شۇنچە ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاستىدىمۇ خىتاينىڭ مۇنتىزىم ھەربىي كۈچىگە قارشى باش ئەگمەي قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى مەدھىيەلىدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە قىلىپ خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۆز ھەربىي كۈچىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىگىسىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى، ئاخىرىدا چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن سىيەر ۋەقفى رەئىسى ئۇستاز مۇھەممەد ئەمىن يىلدىرىم سۆز قىلدى. ئۇ زالىملارنى ۋە زۇلۇمنى ئۇنۇتماسلىق كېرەكلىكىنى، زالىم ۋە زۇلۇم ئۇنتۇلغانسېرى زۇلۇمنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بارلىق نامايىشچىلارنى جاراڭلىق ھالدا «تەكبىرى تەشرىق» ئوقۇپ، زالىمغا قارشى مەزلۇمنىڭ يېنىدا تۇرۇش ئىرادىسىنى نامايەندە قىلىشقا يېتەكلىدى ھەمدە خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا زالىمغا قارشى تۇرغانلىقىغا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىنى، ئاللاھتىن زالىملاردىن قىساس ئېلىشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ۋەھشىي جىنايەتكە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى، قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان تۈركىي دۆلەتلەرنى خىتايدىن ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقىنى، ئەگەر شەرقىي تۈركىستان ئىككىنچى ئەندەلۇسقا ئايلىنىپ قالغان تەقدىردە، خىتاينىڭ ئىشغالىيەت نۆۋىتىنىڭ باشقا تۈركىي دۆلەتلەرگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر يايچان سۆز قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق پەلەستىندىكى ئەھۋالدىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئەقەللىيسى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشىگە، ھەتتا مۇسۇلمانچە سالام قىلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى، بۇنىڭدەك بىر قارا كۈچنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئاپەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا دوكتور ئېھسان شەنئوجاقنىڭ يېتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇشى، خىتاينىڭ شۇنداقلا دۇنيادىكى بارلىق زالىملارنىڭ ھالاكىتى، غەززە خەلقىنىڭمۇ زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقتىن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3431 قېتىم كۆرۈلدى
05/07/2024 20:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق