يەنە بىر قىسقا سىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى

شەرقىي تۈركىستاندىن تارقالغان قىسقا سىنلار خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، جۈملىدىن دىنىي ئېتىقاد ۋە ئالاقىدار ئىبادەت، ئادەتلەرنى چەكلەش، باستۇرۇش جىنايىتىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

8-ئىيۇن لاگېر شاھىتى زۇمرەت خانىم ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ھەمبەھرىلىگەن 15 سېكۇنتلۇق بىر سىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىبادەتلىرىنى داۋاملىق چەكلىگەنلىكىنى پاش قىلدى.

مەزكۇر سىندا مەلۇم بىر ئۇيغۇر ئەمەلدار مۇراسىمدەك بىر يىغىلىشتا ئاياللارنى ياغلىق چىگمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، شېۋىسىدىن بۇ يەرنىڭ تۇرپاننىڭ مەلۇم بىر رايونى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدىكەن.

مەزكۇر ئايال ئەمەلدار كىشىلەرگە يۇقىرىدىن سۈرۈشتە قىلىپ قالسا، ئاقىۋىتىگە ئۆزىنىڭ ئىگە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ: «گەپنى ئوچۇق قىلىۋېتەي، خاپا بولماي ياغلىقلارنى ئېلىۋېتەيلى» دەپ بۇيرۇق قىلغان. ئۇ يەنە جەنۇبتىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ كەلگەنلىكىنى، تويلىرىغا بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇ يەردىكى 80 ياشقا كىرگەن ياشانغان ئاياللارنىڭمۇ بېشىغا قەتئىي ياغلىق چىگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇندىن ئىلگىرى تارقالغان بىر قىسىم سۈرەتلەردە سەل ئۇزۇنراق كۆڭلەك كىيگەن ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ كىيىملىرىنى كوچىدىلا كېسىپ قىسقارتقانلىقى، يەنە بىر قىسىم سىنلاردا بولسا ئۆزىنى سىنغا ئېلىۋاتقانلىقىنى سەزگەن ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ۋەھىمە ۋە ئەندىشە ئىچىدە دەرھال ياغلىقىنى يوشۇرۇۋالغانلىقى كۆرسىتىلگەنىدى.

خىتاي بىر نەچچە يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشتىن ئىبارەت ۋەھشىي سىياسەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇپ، ياغلىق چىگكەن قىز-ئاياللارنى «قالاقلىق، مەدەنىيەتسىزلىك» دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن ھاقارەتلەپ، ياغلىق ۋە ئۇزۇن كۆينەك كىيىشىنى چەكلەپ كەلدى. شۇنداقلا بۇ باھانە بىلەن زور تۈركۈمدىكى قىز-ئاياللارنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېتىقادىنى، ئىززەت-ھۆرمىتىنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن دەپسەندە قىلىپ كەلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى تور سۇپىسى «share america» 2019-يىلى 19-فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرىغا قاماشتا ئاساس قىلغان 10 خىل باھانىسى قەيت قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار:

«1. ساقال قويغان ۋە ياغلىق چەككەنلەر

2. مەكتەپتە ئانا تىلىنى ئىشلەتكەنلەر

.3 تاماكا چېكىش ياكى ھاراق ئىچىشنى رەت قىلغۇچىلار

4.ئەرەبچە خېتى بار كىيىم كىيگەنلەر

5. ۋاتسئەپ ئىشلەتكەنلەر

6. يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن ئۇرۇشۇپ تاكاللاشقانلار ياكى يەرلىك ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ئەرز قىلغانلار

7. باشقا دۆلەتلەرگە ساياھەتكە چىققۇچىلار

8.ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە مېيىت ئۇزاتقانلار

9. روزا تۇتقۇچىلار

10. مەسچىتكە كىرگۈچىلەر» دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئېلان قىلغان ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل ئىپادىسى» تىزىملىكىدىمۇ جازا لاگېرى ياكى تۈرمىلەرگە قاماشنىڭ باھانىلىرى تەپسىلىي تىلغا ئېلىنغانىدى.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى، مۇخبىرلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلات خادىملىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، كۆز بوياش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلانغان ئورۇننى زىيارەت قىلدۇرغان ۋە بېكىتىلگەن كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرگەن. بۇ ئارقىلىق خەلقئاراغا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولغان ھالدا ياشاۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە تايانغان ئۆلچەم، نىزاملار ھازىرغا قەدەر ئىزچىل يولغا قويۇلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 7594 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2024 13:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق