1-ئىيۇن سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان جەننەت كۈلتۈر ۋە سەنئەت مەركىزىدە 2024-2023-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتكە سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى قاتناشقاندىن سىرت، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد ئۆمەر قارىھاجىم، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس خوتەن، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.
سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە ئوقۇۋاتقان 80 گە يېقىن ئوقۇغۇچى ئۇيغۇر تىلى، تۈرك تىلى ۋە قۇرئان كەرىم ساۋات چىقىرىش دەرسلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرى يىللىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات بەردى. ئارقىدىن سۆز قىلغۇچىلار مائارىپ ۋە تەلىم-تەربىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە زۆرۈر ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارغا ئىمان ۋە ئېتىقادنى ئاساس قىلغان، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مەپكۇرىسىدىن تەركىب تاپقان مىللىي ئاڭنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
پائالىيەت داۋامىدا ھەرقايسى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان تۈرلۈك نومۇرلار كۆرسىتىلىپ، پائالىيەتنى تېخىمۇ جانلاندۇردى. پائالىيەت ئاخىرىدا تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئايرىم-ئايرىم مۇكاپاتلاندى. ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى بېرىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا مۇكاپات تەقدىم قىلىندى. ئاخىرىدا پائالىيەت دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ