ۋىيېتنام خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا دېڭىز ئارمىيەسى دوختۇرخانا پاراخوتى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 31-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي پاراسېل تاقىم ئارىلىغا (خىتاي شىشا تاقىم ئارىلى دەپ دەۋا قىلىدۇ) دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دوختۇرخانا پاراخوتىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، ۋىيېتنام خىتاينىڭ مەزكۇر ئىگىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ھەرىكىتىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن. گەرچە پاراسېل تاقىم ئاراللىرىنى نۆۋەتتە خىتاي ئىگىلىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ۋىيېتنام بىلەن تەيۋەن بۇ ئاراللاردىكى كىچىك مارجان تاش ۋە خادا تاشلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
ۋىيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ دوختۇرخانا پاراخوتىنىڭ پاراسېل تاقىم ئارىلىغا ئەۋەتىلىشى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، ۋىيېتنامنىڭ خىتاي پاراخوتنىڭ پاراسېل تاقىم ئارىلىدا بولۇشىغا، ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان بارلىق ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، «دوستلۇق» ناملىق ھەربىي دوختۇرخانا پاراخوتىغا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى قوماندانلىق قىلىدىكەن. خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئۇرۇش پاراخوتى پاراسېل تاقىم ئاراللىرىنى تەخمىنەن 1000 كىلومېتىر ئەتراپىدا ئايلىنىپ، بىر قىسىم ئاراللاردا توختاپ، خىتاي ئەسكەرلىرىنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن.
تور تاراتقۇسى «ۋىيېتنام تېز خەۋەرلىرى»نىڭ خەۋىرىدە، ۋىيېتنامنىڭ 1982-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ماقۇللانغان «دېڭىز قانۇنى ئەھدىنامىسى»گە ئاساسەن، ۋىيېتنامنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ