ئىستانبۇل ۋالىيسى داۋۇت گۈل 31-ماي ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈركىي مىللەتلەر ۋە مۇسۇلمان خەلقلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەشكىلات باشلىقلىرى بىلەن مۇزاكىرە يىغىنى ئاچتى.
يىغىنغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈركىي ۋە ئىسلامىي ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى تەكلىپ قىلىندى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى.
يىغىندا نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر ۋەكىللەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت 30-ماي يەنە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنى زىيارەت قىلدى. ھەيئەتنى شۆبە رەئىسى گۆكخان ئىلغار ۋە خىزمەتداشلىرى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.
بۇ جەرياندا ھەيئەت ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. ئارقىدىن تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەتراپلىق خىزمەت قىلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.