خىتاينىڭ تىبەتتىكى جىنايەتلىرى كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىغان بىر پەيتتە، بەش يىلدىن بۇيان تىبەتتە 356 ياردەمچى ساقچىنىڭ خىزمەت ئۈستىدە ئۆلگەنلىكىنى ياكى يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەتتىكى خىتاي رېجىمى 27-ماي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا تىبەت جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئاخبارات باياناتچىسى شيې شياڭپىڭ تىبەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ «سادىقلىق بىلەن قېنى، ھەتتا ھاياتىنى تەقدىم قىلغانلىقى»نى، بەش يىلدىن بۇيان تىبەتتە جەمئىي 356 ياردەمچى ساقچىنىڭ خىزمەت ئۈستىدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان يەرلىك خەلقنى باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىش ۋاسىتىلىرىنى تىبەتلەرگىمۇ ئىشلىتىشكە باشلىغان. بۇ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق تىبەتلەرنىڭ كۈلتۈرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى سەۋەبلىك، تىبەت خەلقى ئارىسىدا خىتاي سىياسىتىگە بولغان قارشىلىق كۈچەيگەن بولۇپ، بىر قاتار توقۇنۇشلار كېلىپ چىققان.
ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 21-ماي تىبەت ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تىبەتلەرنى يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىۋاتقانلىقىنى، مەزكۇر سۈرگۈن قىلىش پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، تىبەتلەرگە يۇمشاق، قاتتىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى، بۇ جەرياندا ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە كىرىمىنى ياخشىلاش»نى باھانە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، سۈرگۈن قىلىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرى يىللاردىن بېرى تىبەتتىكىدىنمۇ ئېغىر ۋە كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىنىپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ