تۈركىيەدە قوراللىق قىسىم خادىملىرىنىڭ خىتاي ئەپ دېتالى TikTok نى ئىشلىتىشىنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسى ماقۇللاندى.
تۈركىيە ساباھ گېزىتىنىڭ 30-ماي خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە قوراللىق قىسىم خادىملىرىنىڭ خىتاي ئەپ دېتالى TikTok نى ئىشلىتىشىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى تۈركىيە پارلامېنتى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گازارما ۋە خىزمەت رايونىغا ئالاقىدار بەزى سۈرەتلەرنى ھەمبەھرىلىگەن ئەسكەرلەر تۈركىيەگە بىخەتەرلىك خەۋپى ئېلىپ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، خىزمەت ئورنىدا يانفون ئىشلىتىشنىڭ ئېغىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى پەيدا قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ مەزكۇر خەتەرلىك ئەپ دېتالى ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە يولغا قويۇلغان.
تۈركىيە پارلامېنتى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىدا قوبۇل قىلىنغىنى «تۈركىيە قوراللىق قىسىم خادىملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇن ۋە بەزى قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپى» بولۇپ، تەكلىپتە تۈركىيە قوراللىق قىسىم خادىملىرىغا ئائىت تۈرلۈك بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلغان. بۇ قاتاردا TikTok ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قارار چىقىرىلغان. بۇ قارار تۈركىيە پارلامېنتى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر قاراردا TikTok نىڭ ھەربىي خادىملارغا ۋە بىخەتەرلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرى كۆزدە تۇتۇلغاندىن باشقا، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ رەقەملىك بىخەتەرلىكى ۋە مەشغۇلات پۈتۈنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان.
نۆۋەتتە خىتاي ئەپ دېتالى TikTok ھىندىستان، پاكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە پۈتۈنلەي چەكلەنگەندىن باشقا، ئامېرىكا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا TikTok ئىشلىتىش چەكلىمىسى يولغا قويۇلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ