دىلبەر يۇنۇس: مۇزىكا ئارقىلىق شىنجاڭنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىمەن

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تېخىمۇ كۈچەيتىلىپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، داڭلىق ئۇيغۇر ناخشىچى دىلبەر يۇنۇس ئاتالمىش «شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تەشۋىقات ئەلچىسى» سۈپىتىدە خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 27-ماي خىتاي دىلبەر يۇنۇسقا «شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تەشۋىقات ئەلچىسى» دەپ نام بەرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە: «مەن شىنجاڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ، ئېيتىپ چوڭ بولدۇم، بۇ يەرنىڭ سۈيى، تۇپرىقى مېنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، مېنى بۈگۈنكىدەك ناخشىچىغا ئايلاندۇردى. شۇڭا مەيلى قانچىلىك چوڭ سەھنىدە بولسۇن، مەن شىنجاڭدىن پەخىرلىنىمەن، گۈزەل يۇرتۇمنى تەشۋىق قىلىمەن» دەپ بىلجىرلىغان.

دىلبەر يۇنۇس 2-ماي شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلق تىياتىرخانىسىدا يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خەۋەردە ئۇنىڭ كۆپ قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، تۈرلۈك ناخشا مۇسابىقىلىرى ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

ياۋروپا ئەللىرىدە، خۇسۇسەن خىتايدا ئالاھىدە داڭق قازانغان يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى دىلبەر يۇنۇس فىنلاندىيە پۇقراسى بولسىمۇ، يىللاردىن بېرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە كۆپ قېتىم ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتتە، ئۇنىڭ خىتاي تەشۋىقاتىغا ماسلاشقان بۇ پائالىيەتلىرى مۇھاجىرەتتە كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىغانىدى.

ئۇندىن باشقا نەچچە يىلدىن بېرى ئامېرىكىدا ياشاپ كېلىۋاتقان داڭلىق ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللامۇ يېقىندا تۇيۇقسىز خىتايغا ۋە شەرقىي تۈركىستانغا بارغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بېيجىڭ، شىئەن قاتارلىق خىتاينىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» تېمىسىدا سەييارە ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزمەكتە.

گەرچە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردىن ئامان قالغان ناخشىچى، سەنئەتكارلارنى مەجبۇرىي ھالدا ساختا تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، دىلبەر يۇنۇس، ئەركىن ئابدۇللاغا ئوخشاش ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ناخشىچىلارنىڭ پەقەت مەنپەئەت ئۈچۈنلا خىتايغا بېرىپ ساختا تەشۋىقات سېپىگە قوشۇلۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە نەپرىتىنى قوزغىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 3679 قېتىم كۆرۈلدى
31/05/2024 12:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق