تەيۋەننى بۇ يىللىق دۇنيا سەھىيە يىغىنىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشتۇرۇش تەكلىپى خىتاينىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە يەنە بىر قېتىم رەت قىلىندى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 77-نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنى 27-ماي شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە باشلانغان بولۇپ، يىغىن شۇ كۈنى قارار چىقىرىپ، ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان «تەيۋەننى كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىدە دۇنيا سەھىيە يىغىنىغا قاتناشتۇرۇش تەكلىپى»نى رەت قىلغان.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى 77-نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنى 27-مايدىن 1-ئىيۇنغىچە جەنۋەدە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبلىك مەزكۇر تەكلىپنىڭ رەت قىلىنىشى بىلەن، تەيۋەن ئۇدا سەككىز يىل دۇنيا سەھىيە يىغىنىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان.
يىغىندا 26 دۆلەت تەيۋەن ھەققىدىكى تەكلىپنى قوللىغان بولۇپ، قوللاش سادالىرى بۇرۇنقى يىللارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن.
ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، چېخ ۋە لىتۋانىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر 24-ماي بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىللىق يىغىنىغا تەيۋەننى قاتناشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ