ئامېرىكا يەنە ئۈچ خىتايغا جازا يۈرگۈزدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تور ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق ئۈچ خىتاي پۇقراسىغا جازا يۈرگۈزدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى چەت ئەل مەبلىغىنى كونترول قىلىش ئىشخانىسى (OFAC) 28-ماي يامان غەرەزلىك تور ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئۈچ خىتايغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. مالىيە مىنىستىرلىقى جازالانغان خىتايلارنىڭ كەڭ تارقالغان تور ئالدامچىلىقىغا، ھەتتا بومبا تەھدىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

جازا يۈرگۈزۈلگەنلەر ۋاڭ يۈنخې، ليۇ جىڭپىڭ ۋە چېڭ يەن ئىسىملىك ئۈچ خىتاي بولۇپ، ۋاڭ يۈنخې ئىسىملىك خىتاينىڭ تايلاندىكى ئۈچ شىركىتىمۇ جازا دائىرىسىدە ئىكەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر خىتايلار يامان غەرەزلىك ۋاكالىتەن تور مۇلازىمىتى تەمىنلەشكە چېتىشلىق بولۇپ، تور جىنايەتچىلىرى بۇ خىل مۇلازىمەتتىن پايدىلىنىپ، توردىكى قانۇنسىز ئىزلىرىنى ئۆچۈرىدىكەن. ئۇلار يەنە پۇل يۇيۇش جىنايىتىدە تىل بىرىكتۈرگەن بولۇپ، توپلىغان مەبلىغىنى ھەشەمەتلىك ئۆي سېتىۋېلىشقا ئىشلەتكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، قارارغا ئاساسەن، جازا يۈرگۈزۈلگەن شەخس ۋە شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى ياكى ئامېرىكا ئىگىدارچىلىقىدىكى، كونتروللۇقىدىكى بارلىق مال-مۈلكى ۋە مۈلۈك ھوقۇقى توڭلىتىلىپ، ئالاقىدار سودىلىرىمۇ مەنئى قىلىنىدىكەن ۋە OFAC غا دوكلات قىلىنىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1441 قېتىم كۆرۈلدى
30/05/2024 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق